نېمە ئۈچۈن ياز كۈنلىرى ياكى قاتتىق ھەرىكەت قىلغاندىن كېيىن ئادەم تەرلەيدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
ياز كۈنلىرى ياكى قاتتىق ھەرىكەت قىلغاندىن كېيىن، پۈتۈن بەدىنىمىزدىن تەر چىقىدۇ، ھەتتا چىپ - چىپ تەرلەپ كېتىمىز، بۇ نېمە ئۈچۈن؟
بىزگە مەلۇمكى، ئادەم بەدىنىنىڭ نېرۋا سىستېمىسىدا بىر تېمپېراتۇرا تەڭشەش مەركىزى بولىدۇ، ئۇ تۆۋەنكى دۆڭچە مېڭىگە جايلاشقان بولۇپ، مەخسۇس ئادەم بەدىنىنىڭ ئىسسىقلىق پەيدا قىلىش ۋە ئىسسىقلىق تارقىتىشنى نىسپىي تەڭپۇڭلاشتۇرۇشقا مەسئۇل. تاشقى مۇھىت تېمپېراتۇرىسى ئادەم بەدىنى تېمپېراتۇرىسىغا يېقىنلاشقاندا ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرىلاپ كەتكەندە، ئادەم بەدىنى تەرلەش ئۇسۇلى ئارقىلىق زىيادە ئىسسىقلىقنى چىقىرىپ تاشلايدۇ، شۇڭا ئادەم تەرلىگەندىن كېيىن سالقىنلاپ قالىدۇ.
ئادەم ھەرىكەت قىلغاندا زور مىقداردا ئېنېرگىيە سەرپ قىلىنىدۇ، بۇ چاغدا ئادەم بەدىنىدىكى ئوزۇقلۇق ماددىلار بىئوخىمىيىلىك جەريان ئارقىلىق ئاز مىقداردا ئېنېرگىيە شەكىللەندۈرۈپ ئادەم بەدىنىنىڭ ئېھتىياجىنى قامداش بىلەن بىر ۋاقىتتا، نۇرغۇن ئىسسىقلىق پەيدا قىلىدۇ. بۇ ئىسسىقلىقلارنى تارقىتىۋېتىش ئۈچۈن، ئادەم تەرلەيدۇ، ئىسسىقلىق تەرنىڭ چىقىشىغا ئەگىشىپ تېرىگە يېقىن جايدىكى ھاۋاغا كۆچىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئادەم بەدىنىنىڭ تېمپېراتۇرىسى ئۆرلەپ كەتمەيدۇ. تېمپېراتۇرا تەڭشىگۈچى مەركەزنىڭ تەڭشەش رولى ۋەجىدىن، ئادەم بەدىنىنىڭ تېمپېراتۇرىسى باشتىن - ئاخىر 37 سېلسىيە گرادۇس ئەتراپىدا تۇرىدۇ.
تەردە سۇ 98% ئەتراپىنى تەشكىل قىلىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا تۇز، كالىي، ئازوت قاتارلىقلار بار. يازدا تەر كۆپ چىققاچقا، ئادەم بەدىنىدىن نۇرغۇن سۇ ۋە تۇز ماددىسى چىقىپ كېتىدۇ، شۇڭا سۇ تولۇقلىغاندىن سىرت، يەنە مۇۋاپىق مىقداردا تۇز تولۇقلاش كېرەك