UyghurWiki
UyghurWikiنەمەيېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردىكى كۆز ياللۇغى قانداق ئەھۋال؟

يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردىكى كۆز ياللۇغى قانداق ئەھۋال؟

نېمە ئۈچۈن يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ كۆز ياللۇغى تۇغۇت جەريانىدا ئانىنىڭ تۇغۇت يولى ئارقىلىق يۇقۇملىنىش تۇغۇلغاندىن كېيىن 42 ~ 48 سائەتتە كۆرۈلىدىغان كۆز قىسمىدىكى ياللۇغلىنىشنى كۆرسىتىدۇ. ئىپادىسى قاپاق، بىرىكتۈرگۈچى پەردە ئېغىر دەرىجىدە سۇلۇق ئىششىيدۇ ھەم زور مىقداردا يىرىڭلىق ئاجراتمىلار بولىدۇ. ئەگەر ۋاقتىدا داۋالىمىسا، مۈڭگۈزلۈك پەردە جاراھەتلىنىشتىن كۆرۈش ئىقتىدارىدىن قالىدۇ. يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردىكى كۆز ياللۇغى ئادەتتە سۆزنەك شار باكتېرىيىسى، ئورالما تەنچە (سۆزنەك ھەم سۆزنەكسىز سۈيدۈك يول ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان كېسەل قوزغاتقۇچىلار) دىن يۇقۇملىنىشتىن كۆرۈلىدۇ. ئىلگىرى، جىنسىي كېسەللىك يوقىتىلغانلىقتىن بۇ كېسەللىكمۇ ئاساسەن يوقىتىلغانىدى. لېكىن يېقىنقى يىللاردىن بېرى، جىنسىي كېسەللىك قايتىدىن باش كۆتۈرۈپ چىققانلىقتىن يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردىكى كۆز ياللۇغى يەنە كۆپىيىشكە قاراپ يۈزلەندى. بولۇپمۇ سۆزنەك ھەم سۆزنەكسىز سۈيدۈك يول ياللۇغى، جىنسىي يول ياللۇغىغا گىرىپتار بولغان تۇغۇتلۇق ئاياللار بالا تۇغۇلغاندىن كېيىن ئالاھىدە دىققەت قىلىشى، بۇ كېسەلنىڭ ئاقىۋىتى ئېغىر بولغانلىقتىن، بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولغانلىق بېشارىتى بايقالغان ھامان دوختۇرغا كۆرسىتىش كېرەك
← بارلىق تېمىلار نەمە