UyghurWiki
UyghurWikiنەمەجۇڭگودا ئالەم ئۇچقۇچىسى بارمۇ؟

جۇڭگودا ئالەم ئۇچقۇچىسى بارمۇ؟

نېمە ئۈچۈن 1999 - يىل 11 - ئاينىڭ 20 - كۈنى ئېلىمىزنىڭ تۇنجى ئادەم چۈشكەن سىناق ئالەم كېمىسى - <خاسىيەتلىك كېمە - 1> جيۇچۇەندىكى سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش مەركىزىدە قويۇپ بېرىلىپ ئالەم بوشلۇقىغا چىقتى. شۇنىڭدىن كېيىن يەنە <خاسىيەتلىك كېمە - 2> ۋە <خاسىيەتلىك كېمە - 3> ناملىق ئادەمسىز ئالەم كېمىسىدىن ئىككىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا قويۇپ بېرىلدى. بۇ ئىككى ئالەم كېمىسىدە ئالەم ئۇچقۇچىسى يوق بولغاندىن باشقا، ئۇنىڭ تېخنىكىلىق ھالىتى ئادەم چۈشكەن ھالەتتىكىگە تامامەن ئوخشاش ئىدى. بۇ يېقىن كەلگۈسىدە جۇڭگونىڭ ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ ئالەم بوشلۇقىغا چىقىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. 1992 - يىلى ئېلىمىز ھازىرقى زامان ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەۋاتقان قىرغۇچى ئايروپىلان ئۇچقۇچىلىرى ئارىسىدىن 12 نەپەر ئالەم ئۇچقۇچىسى نامزاتىنى تاللىغاندى. گەرچە ئۇلارنىڭ ئىسىم - فامىلىسى ۋە چىراي شەكلى يەنىلا بىر سىر بولۇپ تۇرۇۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما جۇڭگولۇقلارنىڭ تارىخ بېىتىدىن ئورۇن ئالىدىغان كىشىلەر مۇشۇلار ئارىسىدىن بارلىققا كېلىدۇ. ھازىر ئۇلار بېيجىڭ شەھەر ئەتراپىدىكى ئالەم ئۇچقۇچىلىرى مەشىق مەركىزىدە ھەر خىل ئالاھىدە مەشىقلەرنى قىلماقتا. مەسىلەن، ئاساسىي نەزەرىيە ۋە كەسپىي نەزەرىيىۋى بىلىملەرنى ئۆگىنىش، ئالەم قاتنىشىغا ئالاقىدار ئۇچۇش بىلىملىرىنى چۈشىنىش ۋە ئىگىلەش، جىسمانىي مەشىق، پىسخىكىلىق مەشىق، ئېغىرلىق كۆتۈرۈش چىداملىقلىقىنى ئاشۇرۇش مەشىقى، ئېغىرلىق يوقىتىش شارائىتىدىكى ئۇچۇش مەشىقى، پاراشوت بىلەن سەكرەش مەشىقى قىلىش قاتارلىقلار؛ يەنە ئالەم كېمىسى ۋە بۆلمە ئىچىدىكى ئالاقىدار ئۈسكىنىلەرنى باشقۇرۇشنى پىششىق ئۆگىنىش، ناچار مۇھىتتا ئۆزىنى قۇتقۇزۇش ۋە ئۆزئارا قۇتقۇزۇشنى ئۆگىنىش ۋە باشقىلار. كىم جۇڭگو تارىخىدىكى تۇنجى بولۇپ ئالەم بوشلۇقىغا چىققان قەھرىمان بولۇپ قالىدۇ؟ بۇنىڭ جاۋابىنىڭ ئېلان قىلىنىشىغا ئانچە ئۇزۇن ۋاقىت قالمىدى. ئېلىمىزنىڭ ئادەم چۈشكەن ئالەم قاتنىشى تېخنىكىسىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، جۇڭگونىڭ ئالەم ئۇچقۇچىلىرى ئالەم بوشلۇقىغا چىققاندىن باشقا، جۇڭگونىڭ ئالىملىرى ۋە ئىنژېنېرلىرىمۇ ئالەم بوشلۇقىغا چىقىپ ھەرخىل ئىلمىي تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بارىدۇ. كەلگۈسىدە يەنە ئالەم بوشلۇقىغا چىقىپ ساياھەت قىلىدىغان ساياھەتچىلەرمۇ بولىدۇ. بىز، سىزنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تېخىمۇ كۆپ جۇڭگولۇقنىڭ ئالەم بوشلۇقىغا چىقىش خىيالىنىڭ ئېشىشى مۇمكىن بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز!
← بارلىق تېمىلار نەمە
جۇڭگودا ئالەم ئۇچقۇچىسى بارمۇ؟ | UyghurWiki | UyghurWiki