بوۋاقنى قانداق ئاپتاپسىندۇرۇش كېرەك؟
نېمە ئۈچۈن
بارلىق مەۋجۇداتلارنىڭ ئۆسۈشى قۇياشقا تايىنىدۇ<. بوۋاق دەل ئۆسۈپ يېتىلىش مەزگىلىدە بولۇپ، دائىم ئاپتاپسىندۇرۇپ، قۇياش مۇنچىسىغا چۈشۈرۈش بوۋاقنىڭ ساغلام ئۆسۈشىگە ئىنتايىن پايدىلىق. قۇياش نۇرىدىكى ئۇلترا بىنەپشە نۇر بىۋاسىتە چۈشكەندە تېرىدىكى ۋىتامىن D نىڭ شەكىللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كالتسىي، فوسفور تېز سۈمۈرۈلۈپ راخىت كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. تېرىدىكى باكتېرىيىلەرنى ئۆلتۈرۈپ، تېرىنىڭ قارشى تۇرۇش كۈچىنى ئاشۇرىدۇ. ئاپتاپسىندۇرۇش ۋاقتى ئادەتتە تۇغۇلۇپ ئۈچ ~ تۆت ھەپتىدە باشلانسا بولىدۇ. باشلىنىشتا ۋاقتى قىسقىراق بولۇش ھەمدە بەدەننىڭ بىر قىسمنى ئاپتاپسىندۇرۇش، ھەرگىزمۇ باش ۋە يۈزىنى بىۋاسىتە ئاپتاپتا تۇتماستىن سايە يەردە تۇرغۇزۇش ياكى پوسما كىيدۈرۈش، كېيىن ئاپتاپسىندۇرىدىغان ۋاقىت ۋە دائىرىنى بارا - بارا كېڭەيتىش كېرەك. يازدا ئاپتاپسىندۇرغاندا ئەتىگەن سائەت ئوندىن بۇرۇن ياكى چۈشتىن كېيىن تۆتتىن كېيىن بولۇش، ئۇنىڭدىن كېيىنكى پەسىللەردە چۈشنىڭ ئالدى - كەينىنى تاللاپ، كۈندە بىر - ئىككى سائەت ئەتراپىدا ئاپتاپسىندۇرسا بولىدۇ. ئۇنىڭدىن سىرت ئەينەك ئۇلترا بىنەپشە نۇرنىڭ ئۆتۈشىنى توسۇپ قالىدىغان بولغاچقا، ئەينەك ئاستىدا ئاپتاپسىندۇرۇشنىڭ رولى بولمايدۇ.