UyghurWiki
UyghurWikiنەمەمېترودا سىسمسىز ئالاقىلىشىش ئەسلىھەرلىىرنى ئىشلىتىشكە بولامدۇ؟

مېترودا سىسمسىز ئالاقىلىشىش ئەسلىھەرلىىرنى ئىشلىتىشكە بولامدۇ؟

نېمە ئۈچۈن مېترودا يانفۇن ئىشلىتىشكە بولامدۇ؟ مېترودا چاقىرغۇ سىگنال قوبۇل قىلالامدۇ؟ بىز بىلىمىز، يانفۇن بىلەن چاقىرغۇغا رادىئو دولقۇنى ئارقىلىق ئۇچۇر يوللىنىدۇ. ئادەتتىن تاشقىرى يۇقىرى چاستوتىلىق رادېئو دولقۇنى گەرچە بىر قەدەر كۈچلۈك بولغان تېشىپ ئۆتۈش ئىقتىدارىغا ئىگە بولسىمۇ، لېكىن يەر يۈزىدە تۈز لىنىيە بويىچە تارقىتىلىدۇ. لېكىن، مېترو ئادەتتە يەر يۈزىدىن ئون نەچچە مېتىر چوڭقۇرلۇققا ياسىلىدۇ، ئارىسىغا پولات چىۋىق ئېلىنغان بېتون قۇرۇلمىلىق قەۋەت، مېترونىڭ تونىلىنى زىچ ئوراپ تۇرغاچقا، رادىئو دولقۇنى بۇ مۇستەھكەم تامدىن ئۆتەلمىگەچكە مېترو ئىچىگە كىرەلمەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن يانفۇن ۋە چاقىرغۇ مېترودىكى پويىزدا مۇلازىمەت مەركىزى يوللىغان سىگناللارنى قوبۇل قىلالمايدۇ. ئالاھىدە ئىقتىدارغا ئىگە رادىئو دولقۇنى گەرچە بىر قەدەر كۈچلۈك بولغان تېشىپ ئۆتۈش ئىقتىدارىغا ئىگە بولسىمۇ، لېكىن يەر يۈزىدە تۈز لېنىيە بويىچە تارقىتىلىدۇ. لېكىن، مېترو ئادەتتە يەر يۈزىدىن ئون نەچچە مېتىر چوڭقۇرلۇققا ياسىلىدۇ، ئارىسىغا پولات چىۋىق ئېلىغان بېتون قۇرۇلمىلىق قەۋەت، مېترونىڭ تونىلى زىچ ئوراپ تورغاچقا، رادىئو دولقۇنى بۇ مۇستەھكەم تامدىن ئۆتەلمىگەچكە مېترو ئىچىگە كىرەلمەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن يانفۇن ۋە چاقىرغۇ مېترودىكى پويىزدا مۇلازىمەت مەركىزى يوللىغان سىگناللارنى قوبۇل قىلالمايدۇ. ئالاھىدە ئىقتىدارغا ئىگە رادىئو دولقۇنى تارقىتىش قۇرۇلمىسى ئورنىتىلمىغان ئەھۋالدا، يەر ئاستى ماشىنا توختىتىش مەيدانلىرى، يەر ئاستى ماگزىنى، يەر ئاستى كۆڭۈل ئېچىش مەركىزى، كان قۇدۇقى تونىلى، يەر ئاستى سۇ يولى قاتارلىق جايلاردىمۇ رادېئو سىگنالىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ. ھەتتا ئارىسىغا پولات چىۋىق ئېلىنغان بېتون قۇرۇلمىلىق قۇرۇلۇشلارنىڭ ئىچىدىمۇ كۆپىنچە ھاللاردا رادىئو سىگنالىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ ياكى سىگنال تولىمۇ ئاجىزلاپ كېتىدۇ. كۆچمە ئالاقىلىشىش كەسپى ۋە يەر ئاستى ئاممىۋى ئەسلىھەلەر تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىماقتا، كۆچمە ئالاقىلىشىش قوللىنىلىدىغان سورۇنلارمۇ بارغانسېرى كۆپەيمەكتە. رادېئو دولقۇنى توسقۇنلۇققا ئۇچرايدىغان سورۇنلارمۇ بارغانسېرى كۆپەيمەكتە. قانداق قىلغاندا رادىئو دولقۇنىنى ھەم يەر ئۈستىدە، ھەم يەر ئاستىدا توسالغۇسىز راۋانلاشتۇرغىلى بولىدۇ؟ نۆۋەتتە ئالىملار يەر ئاستى ئاممىۋى سورۇنلىرىغا رادىئو دولقۇنىنى ئەكىرەلەيدىغان دولقۇن ئۆتكۈزۈش سىملىرى ياكى ھەرە كۆنىكى شەكلىدىكى ئانتېننا ئورنىتىشتەك ھەر خىل تەتقىقات ئۈستىدە جىددىي ئىشلىمەكتە.
← بارلىق تېمىلار نەمە