يەر شارىدىكى ئوكسىگېننى ئۆسۈملۈكلەر ئىشلەپ چىقارغانمۇ؟
نېمە ئۈچۈن
يەر شارىنىڭ ئەتراپىنى بىر قەۋەت ئاتموسفېرا ئوراپ تۇرىدۇ. ئۇنىڭ 21 پىرسەنتى ئوكسىگېندۇر. بۇ ئوكسىگېنلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆسۈملۈكلەر ئىشلەپ چىقارغان.
ناھايىتى ئۇزۇن زامانلار ئىلگىرى يەر شارىدا ئوكسىگېن يوق بولۇپ، پەقەت ئازوت، ھىدروگېن، سۇ پارى ۋە كاربون ( Ⅳ)- ئوكسىدىلا بار ئىدى. ئۇ چاغدا يەر شارىدىكى ئەڭ ئىپتىدائىي جانلىقلار ئېچىش رولىغا تايىنىپ ھايات كەچۈرەتتى. كېيىن بۇ ئىپتىدائىي جانلىقلارنىڭ تەدرىجىي تەرەققىي قىلىپ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، بۇنىڭدىن تەخمىنەن 2 مىليارد يىللار ئىلگىرى يەر شارىدا فوتوسىنتېز ئېلىپ بارالايدىغان يېشىل ئۆسۈملۈكلەر پەيدا بولغان. قۇياش نۇرى ئاستىدا، بۇ يېشىل ئۆسۈملۈكلەر ئاتموسفېرادىن قوبۇل قىلىدىغان كاربون (Ⅳ)- ئوكسىدى بىلەن يىلتىز قىسمىدىن سۈمۈرگەن سۇنى بىرىكتۈرۈپ ئورگانىك ماددىغا ئايلاندۇرغان ھەمدە ئوكسىگېن قويۇپ بەرگەن. دەسلەپتە ئۇلار قويۇپ بەرگەن ئوكسىگېن ئىنتايىن چەكلىك بولۇپ، ھازىرقى ئوكسىگېن قويۇقلۇقىنىڭ بىر پىرسەنتىچىلىكلا كېلەتتى. بۇنىڭدىن تەخمىنەن 400 مىليون يىللار ئىلگىرى ئوكسىگېننىڭ قويۇقلۇقى ھازىرقىنىڭ ئون پىرسەنتىگە يەتكەن. بۇنىڭدىن 300 مىليون يىل ئىلگىرى قۇرۇقلۇقتا ئۆسىدىغان ئۆسۈملۈكلەر تېز سۈرئەت بىلەن تەرەققىي قىلىش باسقۇچىغا كىرگەن، شۇنىڭ بىلەن ئوكسىگېننىڭ مىقدارى كۆپىيىپ ھازىرقى سەۋىيىگە يەتكەن. ئاتموسفېرادا ئوكسىگېننىڭ كۆپىيىشى بىلەن، يەر شارىدا تەدرىجى ھالدا يۇقىرى دەرىجىلىك ئۆسۈملۈكلەر پەيدا بولغان. كۆپچىلىككە ئايانكى، ھايۋانات ۋە باكتېرىيىلەر ئوكسىگېننى سۈمۈرۈۋېلىپ، كاربون (Ⅳ)- ئوكسىدى چىقىرىدۇ، ئۆسۈملۈكلەر بولسا دەل بۇنىڭ ئەكسىچە كاربون (Ⅳ)- ئوكسىدىنى سۈمۈرۈۋېلىپ، ئوكسىگېن قويۇپ بېرىدۇ. دېمەك، ھايۋانات بىلەن ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئوكسىگېن بىلەن كاربون (Ⅳ)- ئوكسىدىغا بولغان ئېھتىياجى بىر خىل ئۆز ئارا ئارا تولۇقلاش خاراكتېرىگە ئىگە بولغاچقا، ئاتموسفېرادىكى ئوكسىگېن بىلەن كاربون (Ⅳ) - ئوكسىدىنىڭ مىقدارىدىمۇ نىسپىي تەڭپۇڭلۇق ھالىتى بارلىققا كەلگەن.
مۆلچەرلىنىشىچە، يەر شارىدىكى ئۆسۈملۈكلەر يىلىغا 100 مىليارد توننىدىن ئارتۇق ئوكسىگېن ئىشلەپ چىقىرالايدىكەن. ھازىر ئاتموسفېرادىكى ئوكسىگېننىڭ ئومۇمىي مىقدارى 200 ترىليون توننىدىن كۆپرەك كېلىدىكەن. شۇڭا، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر 200 يىلدا ئۆسۈملۈكلەر پەيدا قىلغان ئوكسىگېن يەر شارىدىكى ئوكسىگېننى بىر قېتىم يېڭىلايدۇ.