گاس - گاچىلار تېلېفون ئۇرالامدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
گاس - گاچىلار ئاڭلىيالمايدۇ ھەم سۆزلىيەلمەيدۇ، ئۇنداقتا، ئۇلار تېلېفۇن ئۇرالامدۇ؟
ئۇرالايدۇ، گەرچە ئۇلارنىڭ قۇلىقى گاس، تىلى گاچا بولسىمۇ، لېكىن كۆرەلەيدۇ، يازالايدۇ، ئۇلار گاس - گاچىلار تېلېفۇنىدىن پايدىلانسىلا نورمال ئادەملەرگە ئوخشاشلا تېلېفوندا ئالاقە قىلالايدۇ.
گاس - گاچىلار تېلېفونى توپلاشتۇرۇلغان ئېلېكتر يولى تاختىسى، خەت يېزىش كۇنۇپكىسى ۋە سۇيۇق كرىستاللىق ئېكراندىن تۈزۈلگەن، ئېغىرلىقى ئىككى - ئۈچ كىلوگرام كېلىۇ. سۆزلەشكەندە، ئۇلار كۇنۇپكا تاختىسى ئارقىلىق كومپيۇتېردا ماقالە يازغانغا ئوخشاش، دېمەكچى بولغان گېپىنى كىرگۈزسىلا بۇ <گەپ> لەر ئېكراندا كۆرۈنىدۇ ھەمدە قارشى تەرەپنىڭ گاس - گاچىلار تېلېفونىنىڭ ئېكرانىغا يەتكۈزۈلىدۇ. ئوخشاشلا قارشى تەرەپمۇ مۇشۇ خىل ئۇسۇلدا <سۆزلىشىدۇ>.
ئادەتتىكى تېلېفوندىمۇ گاس - گاچىلار بىلەن ئالاقىلاشقىلى بولىدۇ. ئادەتتىكى تېلېفوندا، رەقەم ۋە بەلگە كۇنۇپكىسى بولىدۇ، ئىككى كۇنۇپكا بىرلەشتۈرۈلسە بىر ھەرپكە ۋەكىللىك قىلىدۇ. نورمال ئادەملەر <سۆزلىگەندە> تېلېفوندىكى رەقەم ۋە بەلگە كۇنۇپكىسىنى بېسىپ، دېمەكچى بولغان گېپىنى تېلېفونغا <يېزىپ> كىرگۈزىدۇ. گاس - گاچىلار تېلېفونى رەقەم ۋە بەلگىلەرنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، ئۇنى ھەرپكە ئايلاندۇرۇپ، ئېكرانغا كۆرسىتىپ بېرىدۇ. گاس - گاچىلار سۆزلىگەندىمۇ، كۇنۇپكا تاختىسىدىن ھەرپنى كىرگۈزسە، بۇ ھەرپلەر ئېكراندا كۆرۈنۈش بىلەن بىرگە، ماشىنا ئۇنى <سۆزلەپ> قارشى تەرەپكە يەتكۈزۈپ بېرىدۇ.