UyghurWiki
UyghurWikiنەمەنېمە ئۈچۈن سىملىق تېلېۋىزىيە پروگراممىلىرىدىكى سۈرەت ئىنتايىن ئوچۇق بولىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن سىملىق تېلېۋىزىيە پروگراممىلىرىدىكى سۈرەت ئىنتايىن ئوچۇق بولىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن بىز كۆرۈۋاتقان تېلېۋىزىيە پروگراممىلىرىنى مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانىسىسى ياكى يەرلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىسلىرى تارقىتىدۇ. بۇرۇن، پروگراممىلار رادىئو دولقۇنى ئارقىلىق بىۋاستە يوللىناتتى، بىز ئۆيىمىزدىكى تېلېۋىزورنى ئاچقاندىن كېيىن ئانتېننىسىنى چىقىرىپ، قانالنى تاللىساق، ھەر خىل قىزىقارلىق تېلېۋىزىيە پروگراممىلىرىنى كۆرەلەيتتۇق. بىراق، بۇنداق قوبۇل قىلىنغان تېلېۋىزىيە پروگراممىلىرى تۇتۇق بولۇپ قالاتتى. چۈنكى، رادىئو دولقۇنى تارقىلىش جەريانىدا، تاغ ۋە ئېگىز بىنالارنىڭ توسۇشىغا ئۇچرىغاچقا، بەزى رايونلاردا قوبۇل قىلىنغان سىگنال ئىنتايىن ئاجىز بولۇپ، كۆرۈش ئۈنۈمىگە تەسىر يېتەتتى. بۇ مەسىلىنى قانداق ھەل قىلىش كېرەك؟ بەزىلەر <ئورتاق ئىشلىتىىدىغان ئانتېننا> ئارقىلىق قوبۇل قىلىش ۋە تارقىتىش ئۇسۇلىنى ئويلاپ چىقتى. بۇنىڭدا ئېگىز يەرگە ئورتاق ئىشلىتىلىدىغان ئانتېننا ياسىلىپ، تېلېۋىزىيە رادىئو دولقۇنى قوبۇل قىلىنىدۇ. ئاندىن كېيىن، ئېلېكتر كابېلى ياكى ئوپتىكىلىق كابېل ئارقىلىق ئېلېكتر دولقۇنى ئەتراپتىكى ئائىلىلەرگە يوللاپ بېرىلىدۇ. بۇ خىل تېلېۋىزىيە سىملىق تېلېۋىزىيە دەپ ئاتالدى. سىملىق تېلېۋىزىيىنىڭ ئورتاق ئىشلىتىلىدىغان ئانتېنناسى ئادەتتە ئېگىز بىنالارنىڭ ئۆگزىسىگە ياكى <ئېگىز جاي> لارغا قۇرۇلىدۇ، شۇڭا تېلېۋىزىيە رادىئو سىگنالنى توسالغۇسىز قوبۇل قىلالايدۇ ۋە تارقىتالايدۇ. ئەگەر قوبۇل قىلىنغان تېلېۋىزىيە سىگنالى بەك ئاجىز بولسا، ئۇ ئاۋۋال <كۈچەيتىلىپ> ئاندىن يوللىنىدۇ. شۇڭا، سىملىق تېلېۋىزىيە قوبۇل قىلغان سۈرەت ئىنتايىن ئوچۇق بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە