UyghurWiki
UyghurWikiنەمەبالىغا ئاتا - ئانىسىنىڭ خىزمەت ئورنى ۋە ئائىلىسىنىڭ ئادرېسىنى ئۆگىتىش كېرەكمۇ — يوق؟

بالىغا ئاتا - ئانىسىنىڭ خىزمەت ئورنى ۋە ئائىلىسىنىڭ ئادرېسىنى ئۆگىتىش كېرەكمۇ — يوق؟

نېمە ئۈچۈن بالىلار ئۆزىنى ئۆزى تونۇشتۇرالايدىغان بولغان ۋاقىتتىن باشلاپ، شەيئىلەرگە بولغان تونۇشىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، بارغانسېرى تەپسىلىي تونۇشتۇرىدىغان بولىدۇ. ئائىلىسىدىكى ئالبوم ۋە ماتېرىياللار ئارقىلىق داادىسىنىڭ قايسى ئورۇندا، نېمە خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى بىلەلەيدۇ. ئادەتتە، بۇ خىل تەربىيە ئىنتايىن مۇھىم. ئەگەر يولدىن ئېزىقىپ قالسا، ئادىشىپ قالسا، ئوت ئاپىتى، سۇ ئاپىتى قاتارلىق كۈتۈلمىگەن ئىشلارغا دۇچار بولسا، ئۆزىنىڭ ئاتا - ئانىسىنىڭ ئىسمىنى، خىزمەت ئورنىنى ۋە ئائىلە ئادرېسىنى ئېنىق ئېيتىپ بېرەلىسە، كىشىلەر ئۇنىڭ ئۇرۇق - تۇغقانلىرى ۋە ئائىلىسىنى تېز تاپالايدۇ. بالىلار شېئىر ۋە بالىلار ناخشا، قوشاقلىرىنى يادلايدىغان بولغاندىكىن، ئۇنىڭدا ئاتا - ئانىسىنىڭ ئىسمى، خىزمەت ئورنى ۋە ئائىلە ئادرېسىنى يادلىيالايدىغان ئىقتىدار بولىدۇ. ئۈچتىن - تۆتكىچە بولغان كۈچلۈك ساننىڭ ئورنىنى بىلىدىغان ئىككى يېرىم ياشتىن ئاشقان بالىلارغا بۇ خىل تەربىيىنى بەرسە بولىدۇ. ئادرېسنى ئوڭاي يادلىغىلى بولمىغاچقا ياكى ئاتا - ئانىسىنىڭ كەسپىنى بالا بىلمىگەچكە، دائىم تەكرارلاپ بەرسە ئاندىن ئېسىدە ساقلىيالايدۇ. بۇنداق قىلىشتىكى مەقسەت بالىنى ئۆزىنى تەپسىلىي تونۇشتۇرالايدىغان قىلىشتىن ئىبارەت.
← بارلىق تېمىلار نەمە