UyghurWiki›نەمە›بالىنىڭ قولىنى پۇلاڭلىتىش، بىرەر نەرسىنى چېلىش ھەرىكىتىنى قانداق مەشىق قىلدۇرۇش كېرەك؟
بالىنىڭ قولىنى پۇلاڭلىتىش، بىرەر نەرسىنى چېلىش ھەرىكىتىنى قانداق مەشىق قىلدۇرۇش كېرەك؟
نېمە ئۈچۈن
بالىنىڭ ھەرىكىتىنىڭ تەرەققىي قىلىشى بىر پۈتۈنلۈكتىن قىسمەنلىككە، مەجبۇرلۇقتىن ئۆز مەيلىگە، ناتوغرىلىقتىن توغرىلىققا قاراپ ماڭىدۇ. قولىنىڭ پۇلاڭلىتىش. بىرەر نەرسىنى ئۇرۇش ھەرىكىتى — بالىنىڭ تۇيغۇسىنىڭ مۇكەممەللىكى ۋە كونكرېت تەپەككۇر ئىقتىدارىنىڭ تەرەققىي قىلىشى بولۇپ، بالىنىڭ دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرۈش ۋە كۆزىتىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشكە پايدىلىق ھەم دوراش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ. ئادەتتە، ئاتا - ئانىلار بالىلار بەش ئاي ئەتراپىدا بولغاندا، قابىلىيەتنى ئىگىلەشنى چىڭ تۇتۇش ئاساسىدا، ئاۋاز چىقىرالايدىغان، تۇتقۇچى بار ئويۇنچۇقلارنى بالىلارغا بېرىشى كېرەك. مەسىلەن: كولدۇرما، قوڭۇراق قاتارلىق ئويۇنچۇقلار بالىنى جەلپ قىلىدۇ. بالا ئويۇنچۇقنى قولغا ئالغاندىن كېيىن بالنىڭ قولىنى تۇتۇپ، بىرلىكتە ئويۇنچۇقنى ئىرغىتىپ، بالىنىڭ قىزىقىشىنى قوزغىغاندا، ئۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن قولىنى پۇلاڭلىتىشقا، ئىرغىتىشقا باشلايدۇ. ئىككى قۇلىنى تەڭ لىڭشىتقاندىن كېيىن ئاتا - ئانىلار ئاۋۋال بالىنىڭ ئىككى قولىغا ئويۇنچۇق تۇتقۇزۇپ، ئۇنىڭ قولىنى تۇتۇپ، ئىككى قولى بىلەن ئۆزئارا ئويۇنچۇقنى ئۆرۈپ ئاۋاز چىقىرىش كېرەك. بالىمۇ بۇنىڭدىن دوراپ، ئۆزى ئۆرۈپ ئوينىيالايدىغان بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، بازارلاردا مەخسۇس چىڭىتىشنى مەشىق قىلىدىغان ئويۇنچۇق بار. مەسىلەن: ياغاچتىن ياسالغان بۇرمىلىق مىخ ئارقىلىق چىڭىتىشنى مەشىق قىلغۇزسا بولىدۇ. شۇڭا بۇ خىل مەشىقلەرنى خالىغان ۋاقىتتا خالىغان يەردە ئېلىپ بارسا بالا ئاستا - ئاستا دوراپ ئۆگىنىشكە باشلايدۇ. بۇ بالىلارنىڭ دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرگەن دېگەن ھالەتتە مۇقىم ئولتۇرۇپ ھەرىكەت قىلىشنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا پايدىلىق.