UyghurWiki
UyghurWikiنەمەنېمە ئۈچۈن پويىزدا يانفۇن ئىشلىتىشكە بولىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن پويىزدا يانفۇن ئىشلىتىشكە بولىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن پويىزدا رادىئو ئىستانىسى تارقاتقان نورمۇرلارنى ئاڭلىماق تەس. لېكىن، پويىزدا نېمە ئۈچۈن يانفۇن ئىشلەتكلى بولىدۇ؟ ئەسلىدە ئالىملار تېشىپ ئۆتۈش ئىقتىدارى ئىنتايىن كۈچلۈك بولغان ئادەتتىن تاشقىرى يۇقىرى چاستوتىلىق ئېلېكترو ماگىنىت دولقۇنىنى يانفۇننىڭ ئېلېكترو دولقۇنى قىلغان. چۈنكى، يانفۇن تورىدىكى ئېلېكترو ماگنىت دولقۇنى قاپلىغان رايونلارنىڭ رادىئوسى پەقەت نەچچە مىڭ مېتىرلا كېلىدۇ، مۇشۇ دائىرە ئىچىدە ئېلېكترو ماگىنىت دولقۇن ئېنېرگىيىسىنىڭ سەرپىياتى ئاز بولغاچقا، تېلېفون ئۇرغاندا ئاۋاز ناھايىتى ئوچۇق ئاڭلىنىدۇ. پويىز تاغلىق رايونلارغا، تونىللارغا كىرگەن چاغدىمۇ نورمال ئالاقىلىشىش ئۈچۈن ئالىملار كۆپ خىل ئۇسۇللار ئارقىلىق تۆمۈر يولنىڭ ئالاقىلىشىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتكەن. بىرىنچىسى، بىۋاسىتە رادىئاتسىيە ئۇسۇلى؛ بۇ ئۇسۇلدا يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئىككى تال ئانتېننا ئايرىم - ئايرىم ھالدا ماشىنا بېكىتى ۋە تونىلغا توغرىلاپ قويۇلۇپ، يۇمىلاق قۇتۇپلاشقان ئېلېكترو ماگىنىت دولقۇنى قويۇپ بېرىلىدۇ، تونىلنىڭ ئۆزىدىكى دولقۇن ئۆزگەرتكۈچ ئېففېكتى ئارقىلىق تارقىلىدۇ؛ ئىككىنچىسى، ئېلېكتر كابېلىنى ئېچىپ قويۇش ئۇسۇلى؛ بۇ خىل ئۇسۇلدا، ھەر بىر بەلگىلىك ئارىلىقتىكى ئېلېكتر كابېلىغا بىردىن <كۆزنەك> ئېچىپ قويۇلۇپ، ئېلېكتر كابېلى ئىچىدىكى ئېلېكترو ماگىنىت دولقۇنى چىقىرىۋېتىلىپ، ئېلېكتر كابېلى ئەتراپىدا ئېلېكترو ماگىنىت مەيدانى ھاسىل قىلىنىدۇ. ئۈچىنچىسى، يېتەكلەش ئۇسۇلى؛ بۇ خىل ئۇسۇلدا، رېلىسنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى جاھازىغا يېتەكلەش سىمى ئورنىتىلىپ، ئېلېكتر دولقۇنى سىگنال يېتەكلەش سىمىغا كىرگۈزۈلۈپ، ئېلېكترو ماگىنىت ئىندۇكسىيىسى ئارقىلىق يېتەكلەش سىمىنىڭ ئەتراپىدا ئېلېكترو ماگىنىت دولقۇنىغا ئايلاندۇرۇلىدۇ. ئەلۋەتتە، يۇقىرىقى ھەر خىل ئۇسۇللار ئىچىدە، ئېلېكتر دولقۇنىنىڭ تارقىلىشى ۋە قوبۇل قىلىنىشى قوش يۆنىلىشلىك بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە
نېمە ئۈچۈن پويىزدا يانفۇن ئىشلىتىشكە بولىدۇ؟ | UyghurWiki | UyghurWiki