نېمە ئۈچۈن ياڭيۇ ئۇششاق پارچىلاش ئارقىلىق كۆپەيتىلىدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
ياڭيۇ - گۈللۈك ئۆسۈملۈك، ئۇ ئېچىلىپلا قالماستىن يەنە ئۇرۇقلايدۇ. چېچەكلىگەن مەزگىلدە، ئۇ چەتتىن چاڭلىنىدىغانلىقتىن، تۇتقان ئۇرۇقىمۇ تەركىبىدە تۈرلۈك ئىرسىيەت تەركىبلىرى بولغان شالغۇت ئۇرۇق بولىدۇ. ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئىرسىيەت قالدۇرۇشى جەريانىدا، شالغۇت سورتتىن كۆپەيگەن ئەۋلادىدا كۆپىنچە تۈرلۈك بۆلۈنۈش ھادىسىلىرى كۆرۈلۈپ ئۆسۈشى تەكشى بولمايدۇ، بۇ چوڭ كۆلەملىك ئىشلەپچىقىرىشقا روشەن ھالدا ماس كەلمەيدۇ. لېكىن ياڭيۇ تۈگۈنىكى (غولى) دىن پايدىلىنىپ ئەۋلاد كۆپەيتكەندە ياڭيۇنىڭ شەكلى ۋە خۇسۇسىيىتىنى ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ. كۆپەيتىشتە، ئالدى بىلەن ياڭيۇنى توغراپ ئۇششاق پارچىلاپ، ھەر بىر پارچىدا بىردىن بىخ قالدۇرۇلىدۇ. موشۇنداق قىلغاندا ھەر پارچە ياڭيۇ يەرگە تىكىلگەندىن كېيىن ئۆسۈپ چىقىپ مۇكەممەل بىر تۈپكە ئايلىنىدۇ. ياڭيۇنى بۇ خىل ئۇسۇلدا كۆپەيتكەندە ئۆسۈشى تېز بولۇپلا قالماستىن، بەلكى مەھسۇلاتى مۇقىم بولىدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ ئوخشاش ھەمدە مۇقىم ئىرسىيەت گېنىغا ئىگە بولغانلىقىدىندۇر.
ياڭيۇنىڭ تۈگۈنىكىنى ئۇششاق پارچىلاپ كۆپەيتىش ئەمەلىيەتتە بىر خىل جىنىسسىز كۆپەيتىش ھېسابلىنىدۇ. ئۆسۈملۈكلەرنىڭ جىنىسسىز كۆپەيتىشكە ئىشلىتىلىدىغان ماتېرىيالى ناھايىتى كۆپ، غولىدىن باشقا يەنە بەزىلىرىنىڭ يىلتىزى، بەزىلىرىنىڭ يوپۇرمىقى ئىشلىتىلىدۇ. تاتلىقياڭيۇنى كۆپەيتىشتە ئۇنىڭ يىلتىزى ئىشلىتىلىدۇ، بېگونىيە (تاشگۈل) بولسا يوپۇرمىقى ئارقىلىق كۆپەيتىلىدۇ.