نېمە ئۈچۈن ناچار ئادەتلەر ساغلاملىققا زىيانلىق؟
نېمە ئۈچۈن
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى <كۈندىلىك تۇرمۇش ئادىتى ۋە ساغلاملىق> دېگەن تېمىدا چوڭ تىپتىكى مۇنازىرە يىغىنى ئۆتكۈزدى ۋە يىغىندىن ئىلگىرى زور مىقداردا تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى. يىغىندا، ئالىملار كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىدىكى بەزى ناچار ئادەتلەر ۋە ياخشى ئادەتلەرنى يىغىنچاقلاپ چىقتى. ناچار ئادەتلەر مۇنۇلار:
بىرىنچى، سۈيدۈكنى زورىغا قىسىۋېلىش. بۇنىڭدا دوۋساق ياللۇغىنىڭ كېلىپ چىقىش ئېھتىمالى ناھايىتى زور.
ئىككىنچى، بارماق بوغۇملىرىنى بېسىش. بۇ پەيلەرنى زىيادە سوزۇپ، بارماق بوغۇملىرىنى ئاسانلا زىيانغا ئۇچرىتىپ، ئاخىرى بارماق شەكلىنىڭ ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ - دە، بوغۇم ياللۇغىغا ئېلىپ بارىدۇ.
ئۈچىنچى، تىرنىقىنى چىشلەش. تىرناقتا زور مىقداردا مىكروب بولغاچقا، مىكروب ئېغىز بوشلۇقى ئارقىلىق ئادەم بەدىنىگە كىرىپ، كىشىدە كېسەللىك پەيدا قىلىدۇ.
تۆتىنچى، قورساقنى بەكرەك تويدۇرۇپ بولۇپلا ئۇخلاش. بۇ كۆپىنچە ئادەمنى سەمرىتىۋېتىدۇ.
بەشىنچى، ئۇخلاشتىن ئىلگىرى چىشىنى يۇيماسلىق. بۇنىڭدا چىش ئاسان كاردىن چىقىدۇ.
ئالتىچى، تۇزنى كۆپ ئىستېمال قىلىش. بۇ ئاسانلا بۆرەك، تال كېسەللىكلىرى، يۈرەك كېسىلى ۋە يۇقىرى قان بېسىم كېسەللىكلىرىنى پەيدا قىلىدۇ.
يەتتىنچى، كۆزنى ئۇۋلاش. بۇ كۆز ئاغرىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، كىرپىكلەر چۈشۈپ كېتىدۇ.
سەككىزىنچى، ئەتىگىنى ناشتا قىلماسلىق. بۇ ئاسانلا ئاشقازان كېسەللىكىنى پەيدا قىلىپ، كالورىيە بىلەن تەمىنلىنىشكە تەسىر يەتكۈزىدۇ.
توققۇزىنچى، دۈم يېتىپ ئۇخلاش. يۈرەك، ئۆپكە بېسىلىپ ئويغانغاندىن كېيىن ھارغىنلىق ھېس قىلىدۇ.
ئونىنچى، چىشلىرىنى غىچىرلىتىش. بۇ چىشلارنى كاردىن چىقىرىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا ناچار ئادەتلەرمۇ بار، مەسىلەن، يۈزدىكى گىرىمنى يۇيۇۋەتمەيلا كېچىنى ئۆتكۈزۈش، بۇ تېرىگە تەسىر قىلىدۇ؛ قەھۋەنى ھەددىدىن زىيادە كۆپ ئىچىش، بۇ چىشنى سارغايتىپ، ئاشقازان كېسىلىنى پەيدا قىلىدۇ؛ ئېغىزدا نەپەس ئېلىش، پاكىز بولمىغان ھاۋا بىۋاستە تەنگە كىرىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا تاماكا چېكىش، ھاراق ئىچىش، كۆپ ئۇخلاش، ھەرىكەت قىلماسلىق ۋە تاماق تاللاش قاتارلىقلار.