UyghurWiki
UyghurWikiنەمەئاسترونوملار نېمە ئۈچۈن يۇلتۇزلارنى سۈرەتكە تارتىدۇ؟

ئاسترونوملار نېمە ئۈچۈن يۇلتۇزلارنى سۈرەتكە تارتىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن سۈرەتكە تارتىش فوتوگرافلارنىڭ ئىشى. ئاسترونوملارمۇ ئالاھىدە فوتوگرافلارغا ئوخشىشىدۇ. ئۇلار رەسەتخانىلاردا ئاسترونومىيىلىك تېلېسكوپتىن پايدىلىنىپ يۇلتۇزلۇق ئاسماننى كۆزەتكەندىن باشقا، يەنە يۇلتۇزلارنى سۈرەتكە تارتىدۇ. ئۇنداقتا، ئاسترونوملار نېمە ئۈچۈن يۇلتۇزلارنى سۈرەتكە تارتىدۇ؟ ئاسماندا جىمىرلاپ تۇرغان يۇلتۇزلاردىن بىز ئادەتتە كۆزىمىز بىلەن كۆرەلەيدىغانلىرىمىزنى ساناشقىمۇ ئۈلگۈرەلمەيمىز. ئاسترونوملار بولسا ئاسترونومىيىلىك تېلېسكوپتىن پايدىلىنىپ سان - ساناقسىز يۇلتۇزلارنى كۆرەلەيدىغان بولۇپ، ئادەمنىڭ كۆزى تېخىمۇ ئىمىر چىمىر بولۇپ كېتىدۇ، نەتىجىدە ئالىملار ئۇلارنى دەماللىققا تەتقىق قىلىپ ئۈلگۈرەلمەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئاسترونوملار بۇ يۇلتۇزلارنى ئالدى بىلەن سۈرەتكە تارتىۋېلىپ، ئاندىن كېيىن بىر - بىرلەپ تەتقىق قىلىدۇ. پلۇتوننى ئاسترونوملار سان - ساناقسىز يۇلتۇزلارنىڭ <گۈزەل ھۆسنى> نى تەتقىق قىلىش داۋامىدا بايقىغان. يەنە بەزى ئاسترونومىيىلىك ھادىسىلەر ئىنتايىن ئاز ئۇچرايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىردەمدىلا غايىپ بولىدۇ. مەسىلەن، ئاسمان بوشلۇقىنى سىزغاندەكلا كۆزدىن غايىپ بولىدىغان ئاقار يۇلتۇز، قۇيرۇقلۇق يۇلتۇزنىڭ يۇپىتېرغاسوقۇلۇشى، پەۋقۇلئاددە يورۇق يېڭى يۇلتۇزلارنىڭ پارتلىشى قاتارلىقلار؛ ئەگەر بۇ ھادىسىلەرنى ئۆز ۋاقتىدا سۈرەتكە تارتىۋالماي، خاتىرىگە ۋە كۆزەتكەن چاغدىكى تەسىراتقىلا تايىنىدىغان بولسا، بۇلارنىڭ ئاسترونومىيىلىك تەتقىقات ئۈچۈن ھېچقانچە قىممىتى بولمايدۇ. يۇلتۇزلارنى سۈرەتكە تارتىش بىز ئادەتتە فوتو ئاپپارات بىلەن <چارس> قىلىپلا سۈرەتكە تارتقىنىمىزدەك ئۇنداق ئاددىي ئەمەس. يۇلتۇزلارنى سۈرەتكە تارتىش ئۈچۈن ناھايىتى ئۇزۇن ۋاقىت سەرپ قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. مۇشۇنداق قىلغاندا نېگاتىۋنىڭ نۇر سېزىش دەرىجىسىنى ئاشۇرۇپ، كۆزىتىشكە ئامال بولمايدىغان خىرە يۇلتۇز يورۇقىنىمۇ سۈرەتكە تارتقىلى بولىدۇ. ھۇببلې ئالەم تېلېسكوپى يىراقتىكى نۇرغۇن يۇلتۇزلار سىستېمىسىنىڭ بىر پارچە سۈرىتىنى تارتىش ئۈچۈن، پۈتۈن بىر كۈن توختىماي سۈرەتكە تارتىشى زۆرۈر. يۇلتۇزلارنى سۈرەتكە تارتىش داۋامىدا، قىلچە بىپەرۋالىق قىلىشقا بولمايدۇ، سەللا بىخەستەلىك قىلىنسا، يۇلتۇزلارنىڭ <گۈزەل ھۆسنى> ئۆزگىرىپ كېتىدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە