UyghurWiki
UyghurWikiنەمەبوۋاقنىڭ ئاڭلاش ئىقتىدارى قانداق قوغدىلىنىدۇ؟

بوۋاقنىڭ ئاڭلاش ئىقتىدارى قانداق قوغدىلىنىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن ئاڭلاش ئىقتىدارى ئادەم بەدىنىنىڭ تاشقى مۇھىتنى ھېس قىلىشىدىكى مۇھىم ئۆتەر يول. بولۇپمۇ بوۋاقلارغا نىسبەتەن تېخىمۇ مۇھىم. بوۋاقلارنىڭ ئاڭلاش ئىقتىدارىنى قوغداشتا تۆۋەندىكى بىر قانچە تەرەپكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك: 1. پۈتۈن بەدىنىنى ياكى بېشىنى يۇغاندا قۇلاققا سۇ كىرگۈزۈۋەتمەسلىك، ياللۇغلىنىپ ئاڭلاش ئىقتىدارىغا تەسىر يېتىشتىن ساقلىنىش؛ 2. بوۋاقنىڭ ئاڭلاش ئەزاسى تېخى مۇكەممەل يېتىلىپ بولمىغان، شۇڭا شاۋقۇن - سۈرەندىن بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، شاۋقۇن - سۈرەن خاراكتېرلىك گاسلىق شەكىللىنىشتىن ساقلىنىش؛ 3. بوۋاقنىڭ ئىنچىكە، كىچىك نەرسىلەرنى قۇلىقىغا تىقىۋېلىپ، سىرتقى قۇلاق يولى شىللىق پەردىسى ھەمدە ناغرا پەردىنى زەخىملەندۈرۈپ، يۇقۇملىنىش كېلىپ چىقىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش؛ 4. قىزىل، تارقىلىشچان مېڭە يۇلۇن پەردە ياللۇغى، تارقىلىشچان B تىپلىق مېڭە ياللۇغى قاتارلىق يۇقۇملۇق كېسەللەرنىڭ ھەممىسى بوۋاقنىڭ ئاڭلاش سەزگۈ ئەزالىرىنى زەخىملەندۈرۈشى مۇمكىن. شۇ سەۋەبتىن ۋاقتىدا ئالدىنى ئېلىش ۋاكسىنىسى ئەملەش. ئەگەر بوۋاقنىڭ نەپەسلىنىش يولى يۇقۇملىنىپ قالسا، ئېغىز بوشلۇقى، بۇرۇن بوشلۇقى ۋە يۇتقۇنچاق قىسمىنىڭ پاكىزلىقىنى ساقلاشقا ئەھمىيەت بېرىش. بوۋاق جىددىي، ئاستا خاراكتېرلىك، ئوتتۇرا قۇلاق ياللۇغىغا گىرىپتار بولغاندا ۋاقتىدا يىلتىزىدىن داۋالاپ ساقايتىش؛ 5. بوۋاق ئاغرىپ قالغاندا ئىمكانقەدەر سترېپتومىتىسىن، گېنتامىتسىن، كانامىتسىن قاتارلىق ئاڭلاش نېرۋىسى زەخىملىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش مۇمكىنچىلىكى بولغان دورىلارنى ئىشلەتمەسلىك، گاس بولۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك
← بارلىق تېمىلار نەمە
بوۋاقنىڭ ئاڭلاش ئىقتىدارى قانداق قوغدىلىنىدۇ؟ | UyghurWiki | UyghurWiki