قايسى پەسىلنى تاللاپ ھامىلىدار بولۇش كېرەك؟
نېمە ئۈچۈن
ياز ۋە كۈز پەسلىدە ھامىلىدار بولسا ھامىلە دەسلەپكى ئۈچ ئايدا يۇقۇملۇق ۋىرۇسنىڭ يۇقۇملىنىشىدىن ساقلىنالايدۇ ھەم ھامىلىدار ئاياللارنىڭ سىرتقا چىقىپ كۆپرەك ھەرىكەت قىلىشىغا پايدىلىق. ئوكسىگېننى تولۇق سۈمۈرەلەيدۇ، يەنە مېۋە - چېۋە، كۆكتاتلارنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىپ، ئانا - بالىنىڭ ئوزۇقلۇق قۇرۇلمىسى ۋە ئوزۇقلۇق مىقدارىنى تەڭشىيەلەيدۇ. ياز ۋە كۈز پەسلىدە بوشانغان ئاياللارنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ۋە بۇ ۋاقىتتا تۇغۇلغان بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ئۈچۈن ياخشى مۇھىت، شارائىت بىلەن تەمىنلىنىدۇ. شۇڭا، ياز ۋە كۈز پەسلى كۆڭۈلدىكىدەك ھامىلىدار بولۇش پەسلى. تۇغۇت يېشىدىكى ئاياللار ۋە ئائىلە ئەزالىرى ئۆزىگە خاس بولغان ئالاھىدە شارائىتنى ئويلىشىپ، ھامىلىدار پەسلىنى شەرتسىز ھالدا ئۆزىنىڭ ئارزۇسىدىكىدەك تاللىغىلى بولمايدۇ. ياز، كۈز پەسلىدە ھامىلىدار بولمىغان تەقدىردىمۇ، پايدىسىز بولغان شارائىتنى ياخشىلاشقا ۋە ئوزۇقلۇق تولۇقلاشقا دىققەت قىلىش كېرەك.