UyghurWiki
UyghurWikiنەمەبوۋاقنى پاشا چېقىۋالسا قانداق قىلىش كېرەك؟

بوۋاقنى پاشا چېقىۋالسا قانداق قىلىش كېرەك؟

نېمە ئۈچۈن پاشا چېقىۋالغاندىن كېيىن چوقۇم بەك قىچىشىدۇ، ئەگەر بىر تەرەپ قىلمىسا بوۋاق توختىماي تاتىلاپ تېرىدە قىزىرىپ ئىششىش ھەتتا يۇقۇملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىدۇ. شۇڭا ئاتا - ئانىلار بوۋاقنى پات - پات يۇيۇپ تۇرۇش، تىرنىقىنى ئېلىۋېتىپ تاتىلاشتىن تېرىدە يۇقۇملىنىش كەلتۈرۈپ چىقىرىش پۇرسىتىنى ئازايتىش؛ بوۋاقنى پاشا چېقىۋالغاندىن كېيىن چوقۇم بەك تاتىلىۋېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، شۇ ئورۇنغا قىچىشىشنى باسىدىغان سالقىنلاشتۇرىدىغان ماي، مۇرەككەپ كالامىن سۇيۇقلۇقى قاتارلىقلارنى سۈركەش بىلەن قىچىشىشنى بېسىش كېرەك. گۈل سۈيى (ئەتىر تۈرىدىكى قىچىشىشنى توختىتىش سۇيۇقلۇقلىرى) كۆپىنچىسى ئىسپىرتتىن تەڭشەپ ياسالغان ياسالمىلار بولۇپ، قىسمەن ئورۇنغا سۈرۈشكە مۇۋاپىق، ئەگەر كەڭ دائىرىلىك سۈرسە بوۋاق بىئاراملىق ھېس قىلىدۇ، شۇڭا بوۋاققا پۈتۈن بەدەنلىك ياكى كەڭ دائىرىلىك ئىسپىرت سۈرمەسلىك. ئەگەر قىزىرىپ ئىشىش ئالامىتى بىر ئاز ئېغىر بولسا ياكى يۇقۇملىنىش، زىيادە سېزىم كۆرۈلسە ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ تەكشۈرۈتۈش كېرەك.
← بارلىق تېمىلار نەمە