UyghurWiki
UyghurWikiنەمەنېمە ئۈچۈن ئەتىيازدا ئادەمنى ئاسانلا <ئۇيقۇ باسىدۇ>؟

نېمە ئۈچۈن ئەتىيازدا ئادەمنى ئاسانلا <ئۇيقۇ باسىدۇ>؟

نېمە ئۈچۈن ئەتىيازدا ھاۋا ئىللىق بولىدۇ، ھەر كۈنى چۈشتىن كېيىن ئادەمنى ئاسانلا <ئۇيقۇ باسىدۇ>، بۇ نېمە ئۈچۈن؟ فىزىئولوگىيىلىك نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، قىشتا ھاۋا سوغۇق بولۇپ، ئىسسىقلىق تارقىلىپ كېتىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئادەم بەدىنى نېرۋا سىستېمىسىنىڭ تەڭشىشى ئارقىسىدا، تېرە قان تومۇرلىرىنى تارايتىدۇ - دە، قان كۆپرەك چوڭ مېڭە ۋە ئىچكى ئەزالارغا مەركەزلىشىدۇ. زېمىن باھار قوينىغا كىرگەندىن كېيىن، ھاۋا بارا - بارا ئىسسىيدۇ، تېرە قان تومۇرلىرى كېڭىيىش ھالىتىدە تۇرۇپ، زور مىقداردىكى قان تەن يۈزىگە قاراپ ئاقىدۇ - دە، چوڭ مېڭە ۋە ئىچكى ئەزالاردىكى قان ئازىيىدۇ. ئادەمنىڭ چوڭ مېڭىسى خىزمەت قىلغاندا زور مىقداردا ئوكسىگېنغا ئېھتىياجلىق بولىدۇ، ئەگەر مېڭىگە قان يېتىشمىسە، ئوكسىگېن بىلەن تولۇق تەمىنلەنمىسە، مېڭە ھۈجەيرىلىرى ئاسانلا چارچاپ قالىدۇ - دە، ئادەم ئۇخلاپ قالىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، ئەتىيازدىكى قۇياش نۇرىدا زور مىقداردا ئىنفرا قىزىل نۇر بولىدۇ، ئۇ قان ئايلىنىشىنى تېزلىتىپ، تېرە تېمپېراتۇرىسىنى ئۆرلىتىپ، ئادەم تېنىنىڭ ماددا ئالماشتۇرۇشىنى ئەۋجىگە كۆتۈرگەندىن سىرت، يەنە نېرۋا سىستېمىسىنىڭ كەيپى چاغ، روھى كۆتۈرەڭگۈ بولۇپلا قالماي، ئۆزىنى خۇشال، ھاياجان سېزىدۇ. ئەمما نېرۋا سىستېمىسى ھەددىدىن زىيادە جانلىنىپ كەتكەندىن كېيىن، ئاسانلا تورمۇزلىنىشقا ئۆتىدۇ، بۇ چاغدا ئادەم يەنە ھارغىنلىق ھېس قىلىپ، ئۇيقۇسى كېلىدۇ. ئەتىيازدا ئۇيقۇ بېسىۋېلىشتىن ساقلىنىشنىڭ چارىسى ئاكتىپلىق بىلەن بەدەن چېنىقتۇرۇشتىن ئىبارەت. چۈنكى، بەدەن چېنىقتۇرۇش ئارقىلىق بەدەندىكى ۋېگېتاتىۋ نېرۋىلارنىڭ تەڭشەش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، تېرە قان تومۇرلىرىنىڭ جىددىي كېڭىيىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، چوڭ مېڭىگە بارىدىغان قاننى ئۈنۈملۈك كۆپەيتكىلى بولىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئادەمنىمۇ ئۇيقۇ بېسىۋالمايدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە