يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردىكى سېپىتىتسېمىيىنى قانداق داۋالايدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردىكى سېپىتىتسېمىيە ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ داۋالاشقا ئېھتىياجلىق. مۇۋاپىق مىقداردا باكتېرىيە ئۆلتۈرۈش رولى كۈچلۈك بولغان ئانتىبىئوتىكلارنى ئىشلىتىش، بەدەن سۇيۇقلۇقى ۋە ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلەشكە دىققەت قىلىش، ئاز مىقداردىن كۆپ قېتىم قان ياكى قان پلازمىسى ماڭدۇرۇش، بالىنىڭ كېسەلگە قارشى ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش لازىم. قىسمەن ئورۇن يۇقۇملانغۇچىلار يەرلىك ئورۇننى بىر تەرەپ قىلىش، ئەگەر قۇسۇش ياكى ئىچى سۈرۈش بولسا بوۋاقنىڭ ھەزىمى ياخشى بولماسلىق بويىچە بىر تەرەپ قىلىش، ئۆپكە ياللۇغى بولغۇچىلارغا ئوكسىگېن بېرىش كېرەك