UyghurWiki
UyghurWikiنەمەھامىلە تېنىنىڭ ئېغىر - يېنىك بولۇشىنىڭ سەۋەبلىرىقايسىلار؟

ھامىلە تېنىنىڭ ئېغىر - يېنىك بولۇشىنىڭ سەۋەبلىرىقايسىلار؟

نېمە ئۈچۈن تولۇق ئېيىغا توشۇپ تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى ئەڭ ئاز بولغاندىمۇ 5.2 كىلوگرامدىن يۇقىرى بولۇشى كېرەك، بولمىسا بۇ ئېيىغا توشۇپ تۇغۇلغان بەدىنى كىچىك بوۋاق بولۇپ قالىدۇ. بۇ ھامىلىنىڭ بالىياتقۇ ئىچىدىكى يېتىلىشىنىڭ كېيىن ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. بۇنداق تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ يېتىلىش نىسبىتى تۆۋەن، كېيىنكى ئۆسۈپ - يېتىلىش باسقۇچىمۇ نىسبەتەن كېيىن قېلىپ، ھەتتا بەزىبىر ئىقتىدارلىرى بىنورمال بولۇپ قالىدۇ. ئۇنداقتا بۇ خىل ئاپەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەب نېمە؟ ئادەتتە تۆۋەندىكى ئۈچ خىل جەھەتتىكى سەۋەب بار: 1. ئانا تېنى جەھەتتە: ھامىلىدار ئاياللار ئىچكى كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولغان بولسا، مەسىلەن، يۈرەك كېسىلى، يۇقىرى قان بېسىم، بۆرەك كېسىلى، قالقانبەز ئىقتىدارى ئېشىپ كېتىش، ئېغىر دەرىجىدە قان ئاز بولۇش قاتارلىقلار ياكى تۇغۇت بۆلۈمى تەكشۈرۈپ ئېنىقلىغان ھامىلىدار مەزگىلىدىكى يۇقىرى قان بېسىم ئۇنىۋېرسال كېسەللىكى، ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى ئۆت سۇيۇقلۇقى تىنىپ قېلىش كېسەللىكى قاتارلىقلار. ئۇنىڭدىن باشقا، ھامىلىدار ئاياللاردا ئېغىر دەرىجىدە ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك، بالىياتقۇ بوينى غەيرىي بولۇش، كۆپ كېزەك ھامىلىدار بولۇش، ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىن ئۆتۈپ كېتىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ھامىلىنىڭ نورمال ئۆسۈپ - يېتىلىشىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ. ئەگەر ھامىلىدار ئاياللار ھاراق ئىچسە، تاماكا چەكسە ياكى رادىئو ئاكتىپلىق نۇر ۋە خىمىيىۋى ماددىلارغا يولۇقسىمۇ، ھامىلىنىڭ ئۆسۈپ - يېتىلىشىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ. 2. ھامىلە ئامىلى. ھامىلە تۇغما غەيرىي بولسا، بالىياتقۇ ئىچىدە يۇقۇملۇق كېسەللەر ۋىرۇسى (مەسىلەن، يەل تاشما) قاتارلىقلار بولسا، بۇ خىل ئامىللارمۇ ھامىلىنىڭ ئۆسۈپ - يېتىلىشىنى كېچىكتۈرىدۇ. 3. بالا ھەمراھى ئامىلى. بالا ھەمراھىنىڭ يېتىلىشى بىنورمال بولسا مەسىلەن، ھالقىسىمان بالا ھەمراھى، يەلكەنسىمان بالا ھەمراھى، ياپراقسىمان بالا ھەمراھى ياكى بالا ھەمراھى كىچىك بولۇش قاتارلىقلار، يەنە بالا ھەمراھى ئېتىلىپ قېلىش، بالا ھەمراھى پەردە ياللۇغى قاتارلىقلار. بالا ھەمراھى ئارقىلىق ھامىلىگە يەتكۈزۈلگەن ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ ئاز بولۇشى قاتارلىقلارمۇ ھامىلىنىڭ ئۆسۈپ - يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ، ھامىلىنىڭ بالىياتقۇ ئىچىدىكى ئۆسۈپ يېتىلىشىنىڭ كېيىن قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئاي - كۈنى توشقان بولسىمۇ، بىراق كىچىك تۇغۇلۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈپ، تۇغۇت مەزگىلىدىكى سالامەتلىكنى ئاسراشنى كۈچەيتىش، ھامىلىنىڭ بالىياتقۇ ئىچىدىكى ئۆسۈپ - يېتىلىشى بىنورمال بولسا ۋاقتىدا دىئاگنوز قويۇپ، داۋالاش كېرەك. نۆۋەتتە ھامىلىنىڭ بالىياتقۇ ئىچىدىكى يېتىلىشىنىڭ كېچىكىشى داۋالاش جەھەتتە بىر تەرەپتىن، ئانا تېنىدىكى كېسەللەرنى داۋالاپ، ئانا تېنى ياخشىلىنىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، بالىياتقۇنى ئاكتىپ ھالدا داۋالاپ، ھامىلىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە