ھامىلىنىڭ قانداق ھامىلە ئورنى بار؟
نېمە ئۈچۈن
ھامىلە ئورنى ھامىلىدار ئايالنىڭ قورسىقىدىكى ھامىلىنىڭ تۇرىدىغان ئورنى بولۇپ، ئاۋۋال داس سۆڭەك بوشلۇق ئورنى بويىچە بېكىتىلىدۇ. ھامىلە ئۈچىنچى باسقۇچتا ئاستا - ئاستا باشنى تۆۋەنگە قىلىدۇ، ئاز بىر قىسىملىرى كاسسا قىسمىنى تۆۋەنگە قىلىدۇ. ھامىلە ئورنى باش ئالدىن كېلىش، كاسسا ئالدىن كېلىش، توغرىسىغا كېلىش دەپ بۆلۈنىدۇ. باش قىسمى داس بوشلۇقىغا جايلاشقان بولسا، باش ئالدىن كېلىش دېيىلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە ھامىلىنىڭ دەسلەپ كۆرۈنىدىغان قىسمى كۆرسەتمىگە ئاساسەن گەجگە ئالدىن كېلىش، گەجگە توغرىسىغا كېلىش، گەجگە كەينى ئالدىن كېلىش، يۈزى ئالدىن كېلىش دەپ بۆلىنىدۇ. كاسسا ئالدىن كېلىش تاق كاسسا (پۈتۈن كاسسا داس سۆڭەك بوشلۇقىغا كىرىپ بولىدۇ، بىراق ئىككى پۇت باش ياكى يۈزىگە قاراپ سوزۇلىدۇ، پۈتۈن كاسسا )بىر ياكى ئىككى تىز ئېگىلىپ، داس سۆڭەككە كىرىدۇ(، تولۇق بولمىغان كاسسا )بىر ياكى ئىككى پۇت داس سۆڭەك بوشلۇقىغا كىرىدۇ( ئالدىن كېلىش دەپ بۆلىنىدۇ. توغرىسىغا كېلىش بولسا ھامىلىنىڭ باش قورساق قىسمى بىر تەرەپكە، كاسسا يەنە بىر تەرەپكە جايلىشىدۇ. باش ئالدىن كېلىشنىڭ يۈزى ئالدىن كېلىش ۋە كاسسا ئالدىن كېلىشنىڭ تولۇق بولمىغان كاسسا ئالدىن كېلىش توغرىسىغا كېلىشتە ئوپېراتسىيە ئارقىلىق تۇغۇشقا مەجبۇر بولىدۇ، گەجگە توغرىسىغا ياكى گەجگە كەينى ئالدىن كەلگەندىكى تۇغۇتتىن ئاۋۋال تۇغۇت كۈچ ياخشى بولسا باشنى گەجگە ئالدىن كېلىش ھالىتىگە توغرىلاپ تەبىئىي تۇغسا بولىدۇ. بولمىسا سۈمۈرۈش ئەسۋابى ياكى تۇغۇت قىسقۇچى بىلەن تۇغۇتقا ياردەم قىلىدۇ. ياكى ئوپېراتسىيە قىلىنىدۇ.