UyghurWiki
UyghurWikiنەمەتورلاشقان ئاپتوموبىل دېگەن نېمە؟

تورلاشقان ئاپتوموبىل دېگەن نېمە؟

نېمە ئۈچۈن <تورلاشقان ئاپتوموبىل> ھەر خىل ئېلېكترونلۇق ئۈسكۈنىلەردىن تۈزۈلگەن پۈتۈن يەر شارى بىلەن خەۋەرلىشىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولغان بىر خىل يۇقىرى پەن - تېخنىكىلىق ئاپتوموبىلنى كۆرسىتىدۇ. تورلاشقان ئاپتوموبىل ئېلىپ يۈرگىلى بولىدىغان مەخسۇس ئىشلىتىلىدىغان كومپيوتېر بىلەن سۈنئىي ھەمراھ يول باشلىغۇچى سىستېمىسىدىن پايدىلىنىپ، يول يۈرۈش لىنىيىسىنى ياخشىلايدۇ، باسقان مۇساپە ۋە چىقىم قاتارلىقلارنى خاتىرىلەيدۇ. تورلاشقان ئاپتوموبىل بىر كۆچمە ئىشخانا بولۇپ، ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ، ھەر ۋاقىت ھەر خىل ئېلېكترونلۇق يوللانمىلار بىلەن تور ئۇچۇرلىرىنى بىر تەرەپ قىلغىلى بولىدۇ. ئۇلارنىڭ مەزمۇنىنى ئېكراندا كۆرگىلى بولۇپلا قالماي يەنە ئاۋازلىق ھالەتكە كەلتۈرگىلىمۇ بولىدۇ. تورلاشقان ئاپتوموبىلنى يەنە كۆڭۈل ئېچىش ئۆيى دېيىشكىمۇ بولىدۇ. ئاپتوموبىلغا ئولتۇرغان كىشىلەر ئۆزىنىڭ قىزىقىشىغا ئاساسەن، رادىئو - تېلېۋىزىيە ئىستانىسىنىڭ ھەر خىل نومۇرلىرىنى ھەر ۋاقىت ئاڭلىيالايدۇ ھەم كۆرەلەيدۇ. تورلاشقان ئاپتوموبىلدىن چاتاق چىققاندا، ئاپتوماتىك سىگنال بېرىدۇ. ئەگەر مۇلازىمەت مەركىزىدىن ياردەم تەلەپ قىلسا، مۇلازىمەت مەركىزى ئاپتوموبىل ۋەقەسىگە قارىتا، يىراق مۇساپىلىق ئېنىقلاش ئېلىپ بارىدۇ. ئەگەر ئاپتوموبىل يېرىم يولدا يولدىن ئادىشىپ قالسا، ئاپتوموبىلغا ئورنىتىلغان پۈتۈن يەر شارى بويىچە ئورۇن بەلگىلەش سىستېمىسى ئاپتوماتىك ھالدا ئاپتوموبىلنىڭ ئورنىنى بەلگىلەپ، مۇلازىمەت مەركىزىگە ئادەم ئەۋەتىپ يول باشلاش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش قىلىدۇ. ئادەتتىكى ئاپتوموبىللار تورلاشقان ئاپتوموبىلغا ئوخشاش ئوغرىدىن مۇداپىئەلىنىش ئىقتىدارىغا ئىگە ئەمەس. ئاپتوموبىل ئىگىسى ئاپتوموبىلنىڭ ئوغرىلانغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، تور سىستېمىسىدىن پايدىلىنىپ، ماتورنى ئېتىۋەتسە ئاپتوموبىل ئوغرىسى ئاپتوموبىلنى ھەيدەشكە ئامالسىز قالىدۇ. پەن - تېخنىكا ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ، كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىمۇ كۈنسېرى يۇقىرى كۆتۈرۈلىۋاتىدۇ. ئاپتوموبىل ياساش تېخنىكىسى بىلەن كومپىيۇتېر تېخنىكىسىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، يېقىن كەلگۈسىدە تورلاشقان ئاپتوموبىلمۇ تۇرمۇشىمىزغا سىڭىپ كىرگۈسى.
← بارلىق تېمىلار نەمە