تومۇزغا قەيەرگە تۇخۇملايدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
پىژ پىژ ئىسسىق ياز كۈنلىرى، دەل دەرەخ بار جايلاردا <جىر - جىر> قىلغان ئاۋاز ئاڭلىنىپ تۇرىدۇ، مانا بۇ بىزگە ئەڭ تونۇشلۇق بولغان تومۇزغىدۇر.
يېتىلگەن تومۇزغا دەرەختە ياشايدۇ، ئۇنىڭ لىچىنكىسى بولسا توپىنىڭ ئاستىغا كىرىۋالىدۇ. ئۇنداقتا تومۇزغا تۇخۇمىنى قەيەرگە تۇغىدۇ؟ چىشى تومۇزغا جۈپلىشىپ بولغاندىن كېيىن دەرەخنىڭ شېخىغا چىقىۋېلىپ، ھەرە چىشلىق تۇخۇملاش ئەزاسىنى يۇمران شاخچىلارنىڭ پوستى قاتلىمىغا سانجىپ تۇخۇمىنى تۇغۇپ كىرگۈزۈۋېتىدۇ. دەرەخ پوستى قاتلىمىدىكى تومۇزغا تۇخۇمى كۈن نۇرىنىڭ ئىسسىق ئۆتكۈزۈشى بىلەن لىچىنكا چىقىرىدۇ. لىچىنكا تۇخۇمىدىن چىقىپ بولغاندىن كېيىن، قېپقالغان پوستىدىن شەكىللەنگەن بىر تال ئىنچىكە يىپچە لىچىنكىنى بوشلۇقتا بېشىنى تۆۋەنگە قارىتىپ ئېسىلدۇرۇپ تۇرىدۇ. ئاندىن لىچىنكا يەرگە ئاستا - ئاستا چۈشۈپ، توپىنىڭ ئارىسىغا كىرىپ كېتىدۇ.
تومۇزغا لىچىنكا مەزگىلىدە دائىم ياۋا ھەرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ تۇرىدۇ. ئۇ يەنە پاقا، ئۆمۈچۈك، ياچىۋەك قاتارلىق كۈچلۈك دۈشمەنلىرىگە دۇچ كېلىدۇ. كۈر مىڭ جاپا - مۇشەققەت، خېيىمخەتەرنى باشتىن كەچۈرۈپ، دەرەخقە يامىشىپ چىقىپ يېتىلگەن تۇمۇزغىغا ئايلىنالايدىغانلىرى شۇ تۈركۈمدىكى تۇخۇمدىن چىققان لىچىنكىلارنىڭ ناھايىتى ئاز ساندىكى تەلەيلىكلىرىدۇر. تومۇزغىنىڭ لىچىنكا مەزگىلىدە ئۆلۈپ كېتىش نىسبىتى ناھايىتى يۇقىرى بولغاچقا، ئۇ پەقەت كۆپلەپ تۇخۇملاش ئارقىلىق پەرزەنتلىرىنىڭ يېتەرلىك ئەي بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ.