ھاۋا مۇنچىسىغا چۈشۈرۈش قانداق ئېلىپ بېرىلىدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
ھاۋا مۇنچىسىدا چېنىقتۇرۇشتا تەرتىپ بىلەن تەدرىجىي ئىلگىرىلەش پرىنسىپىغا ئەمەل قىلىپ، ئاۋۋال ئۆيدە ئاندىن سىرتتا، باشلىنىشتا ۋاقىت سەل قىسقىراق بولۇشى ئاندىن بارا - بارا ئۇزارتىش؛ ئەگەر ئۆيدە ھاۋا مۇنچىسىغا چۈشۈرمەكچى بولسا، ئاۋۋال ئىشىك - دېرىزىلەرنى ئېچىپ ساپ ھاۋانىڭ ئەركىن ئۆتۈشتۈرۈش، لېكىن سىرتنىڭ ھاۋاسىغا ئاساسلىنىپ چوڭ ياكى كىچىك ئېچىشنى بەلگىلەش؛ ئاندىن بوۋاقنىڭ كىيىمىنى يېشىپ، زاكىسىنى ئېلىۋېتىپ تېرىسىنى ھاۋا بىلەن ئۇچراشتۇرۇش ھەمدە دائىم بەدەننىڭ ئورنىنى ئۆزگەرتىپ تۇرۇپ، ھەر قايسى قىسىملىرىنى تولۇق ھاۋالاندۇرۇش. ھاۋا مۇنچىسىغا چۈشۈرگەندە، ئۆينىڭ ھاۋاسىنى ئەڭ ياخشىسى 22℃ ~ 18℃ ئوتتۇرىسىدا ساقلاپ بوۋاققا سوغۇق ئۆتۈپ قېلىشتىن ساقلىنىش، ئەگەر سىرت بەك سوغۇق بولسا بوۋاققا ئەدىيال يېپىپ قويسا بولىدۇ. لېكىن بەك قېلىن كىيدۈرۈۋەتمەسلىك، تەرلىمەسلىكىنى ئاساس قىلىش. ئەگەر ھاۋا ئىللىق بولسا، سىرتنىڭ ھاۋاسى 20℃ دىن يۇقىرى ۋاقىتتا، سىرتقا ئەپچىقىپ ھاۋا مۇنچىسىغا چۈشۈرسە بولىدۇ. ئادەتتە ھەر كۈنى بىر - ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا ئۈچ ~ بەش مىنۇت ئېلىپ بارسا بولىدۇ؛ تۆت - بەش ئايلىق بولغاندا بەش - ئالتە مىنۇتقا ئۇزارتىشقا بولىدۇ؛ يازدا بارا - بارا ئىككى - ئۈچ سائەتكە كۆپەيتسە بولىدۇ.