سۈپەتلىك تۇغۇش بىلەن ھامىلىدار بولغان ۋاقىت ئۆزئارا مۇناسىۋەتلىكمۇ؟
نېمە ئۈچۈن
تالانتلىقلارنى تەربىيىلەش مەكتەپكە كىرگەن ۋاقىتتىن باشلانمايدۇ ھەم تۇغۇلغان ۋاقىتتىمۇ باشلانمايدۇ. ھامىلىدار مەزگىلدە ھەتتا ئۇرۇق قوبۇل قىلغاندىن باشلاپلا باشلىنىدۇ. شۇڭا، پىلانلىق ھامىلىدار بولغان ۋاقىتتا، ئەر - ئايال ئىككى تەرەپنىڭ سالامەتلىكىگە دىققەت قىلىپلا قالماي، يەنە بەدەن ھالىتى ئەڭ ياخشى ۋاقىتنى، كۈچ - قۇۋۋەت تولۇپ تاشقان، كەيپىيات ئەڭ ياخشى بولغان پۇرسەتنى تاللاپ تۇرۇپ، ھامىلىدار بولۇش كېرەك. چۈنكى بۇ چاغدا ئۇرۇق ۋە تۇخۇمنىڭ سۈپىتى ئەڭ ياخشى بولىدۇ، ئەر - ئاياللار ئوتتۇرىسىدىكى ھېسسىياتنىڭ بىخلىنىشى بولسا مېڭە ئاستى بېزىدىكى ئاجراتمىلارنىڭ بېسىمىنى كۈچەيتىش ئامىلى ۋە تۇغۇتنى تېزلىتىش ئامىلى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئەر - ئايال بىرگە بولۇشتىن ئىلگىرىكى مېھىر - مۇھەببەتلىك سۆزلەر ۋە ھەرىكەتلەر ئەر - ئاياللاردا پايدىلىق ئاجراتمىلارنى ئاجرىتىپلا قالماستىن، بەلكى جىنسىي جەھەتتە غىدىقلىنىشنى كۈچەيتىپ، ناھايىتى پايدىلىق بولغان كۆپىيىش ۋاقتىنى شەكىللەندۈرىدۇ. يەنى تۇخۇم چىقىرىش، ئۇرۇق چىقىرىش، ئۇرۇقلىنىش قاتارلىق بىر قاتار ھالقىلار فىزىئولوگىيىلىك ئالاھىدىلىككە ماسلاشقان بولۇپ، بۇ خىل ئىچكى ئاجراتمىلارنىڭ غىدىقلىنىشىنى ماسلاشتۇرۇشى، جىنسىي پائالىيەت ۋاقتىدىكى ئىچكى مۇھىتنىڭ تۇراقلىق بولۇشى شەك - شۈبھىسىزكى، ھامىلىنى ناھايىتى ياخشى يېتىلدۈرىدۇ ھەم ئەقىللىق ھەم بەدەن ساپاسى يۇقىرى پەرزەنت پەيدا قىلىدۇ. ئەگەر جىنسىي تۇرمۇشتا مۇھىت ناچار، كەيپىيات ناچار بولسا ياكى بىرگە بولۇشتىن ئىلگىرىكى مۇھەببەتلىك سۆزلەر ۋە ھەرىكەتلەر بولمىسا ۋە ياكى تۇيۇقسىز جىنسىي ئالاقە قىلسا، جىنسىي غىدىقلىنىش، تۇغۇتنى تېزلىتىش ئامىلىنىڭ ئاجرىتىلىشى تۆۋەن بولىدۇ. بۇ روھىي جەھەتتىكى ئازابنى كەلتۈرۈپلا قالماي، بۇ ۋاقىتتا ھامىلىدار بولغاندا، خىلمۇخىل شارائىتلار ھازىرلانمىغاچقا، ئىچكى مۇھىت (كەيپىيات) ناچار بولغاچقا، ھامىلىنىڭ يېتىلىشى چوقۇم يامان تەسىرىگە ئۇچرايدۇ. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ھامىلىدار بولغان ۋاقىت بىلەن سۈپەتلىك تۇغۇش ناھايىتى زىچ مۇناسىۋەتلىك. بىر مۇنەۋۋەر تالانتلىق پەرزەنت تەربىيىلەش ئۈچۈن، خىلمۇخىل ھالقىلارنىڭ بىرەرسى كام بولۇپ قالسا بولمايدۇ.