نېمە ئۈچۈن بالىلارنىڭ ئولتۇرۇش، مېڭىش قىياپىتى رۇس بولۇشى تەلەپ قىلىنىدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
بالىلار ئىككى ياشتىن ئۈچ ياشقىچە بولغاندا سۆڭىكى يەنىلا يۇمشاق بولغاچقا، ئېلاستىكىلىقى ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ، ئوڭايلا ئەگرى ھالەتتە بولۇپ قالىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بالىلارنىڭ مۇسكۇلىدا سۇ بىر ئاز كۆپ، ئاقسىل، ئانئورگانىك تۇز ئازراق بولغاچقا، ناھايىتى ئوڭايلا چارچاش ۋە زەخىملىنىش ئالامىتى يۈز بېرىدۇ. ئەگەر بالىلارنىڭ ئولتۇرغان ۋە ماڭغان ۋاقىتتىكى قىياپىتى توغرا بولمىسا ياكى ئۇزۇن مۇددەت بىرخىل قىياپەتنى ساقلاپ قالسا، ناھايىتى ئوڭايلا مۇسكۇللارنىڭ چارچىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ھەم ئومۇرتقىنىڭ شەكلى ئۆزگىرىپ، دۈمچەكلىكنى پەيدا قىلىدۇ. بۇ بالىلارنىڭ نورمال يېتىلىشىگە ۋە تاشقى قىياپىتىگە تەسىر يېتىپلا قالماي، يەنە بالىلارنىڭ كەلگۈسىدىكى ئۆسۈپ يېتىلىشىگە پايدىسىز. شۇڭا، بالىلار ئولتۇرغان ۋە ماڭغاندا، قىياپىتى چوقۇم رۇس بولۇشى، بىرخىل قىياپەتنى ساقلىغان ۋاقتى يېرىم سائەتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى، ئاتا - ئانىلار كۈندىلىك تۇرمۇشتا دائىم بالىلىرىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئۆزلىرى بالىلىرىغا باشلامچىلىق قىلىپ بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە پايدىلىق ئادەت شەكىللەندۈرۈش كېرەك.