بالىلارغا كىتابنى قانداق ئوقۇپ بەرگەندە ئاكتىپ ھالدا ئاڭلايدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
بالىلارنىڭ تىل ئۆگىنىشى ۋە بىلىمگە ئىگە بولۇشىدا ئاساسلىق ئىككى جەريان بار، بىرى چوڭلار بىلەن دائىم پاراڭلىشىش. يەنە بىرى، كىتابنى كۆپ كۆرۈش. ئەگەر بىر ياشتىن ئاشقان بالىلاردىن باشلىماقچى بولسىڭىز، ئۇنىڭغا رەسىملىك كىتاب كۆرسەتسىڭىز بولىدۇ. ئەمما بالىلار ئىككى ياشقا كىرگەندىن كېيىن بۇ خىل كىتابقا رازى بولماي، ۋەقەلىكى جانلىق، كىشىنى جەلپ قىلىدىغان ھېكايىلەرگە قىزىقىشقا باشلايدۇ. بىراق ئۇ خەت تونۇمىغاچقا، كىتاب كۆرەلمەيدۇ. پەقەت چوڭلارنىڭ كىتاب ئوقۇپ بېرىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ، بالىلارغا كىتاب ئوقۇپ بەرگەندە، بالىغا يېقىن ئولتۇرۇش كېرەك. بۇنداق بولغاندا ئانا - بالا ئوتتۇرىسىدىكى ھېسسىيات كۈچىيىدۇ شۇنداقلا كىتابنىڭ ئاپتورى ۋە نەشر قىلىنغان ۋاقتى قاتارلىق بارلىق مەزمۇنلارنى تولۇق ئوقۇپ بېرىشى كېرەك. بۇنداق قىلغاندا بالىلارنى مول بىلىمگە ئىگە قىلغىلى بولىدۇ، كىتاب ئوقۇش جەريانىدا بالىلارنىڭ پاسسىپ ھالەتتىكى تىڭشىغۇچى بولۇپ قېلىشتىن ساقلىنىپ، ئاكتىپلىق بىلەن كىتاب ۋەقەلىكىگە سىڭىپ كىرىدىغان ۋە توختىماستىن سوئال سورايدىغان قىلىش، يەنى ئۇنىڭغا ھېكايە ۋەقەلىكىنى سۆزلەتكۈزۈش كېرەك، مۇشۇنداق قىلغاندا بالىلارنىڭ تەپەككۇر قابىلىيىتى، ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى ۋە تىل جەھەتتىكى ئىپادىلەش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈپ، بىر ئىشتىن كۆپ ئۈنۈم ئالغىلى بولىدۇ. كىتاب بالىلارغا ئاجايىپ بىردۇنيانى تۇرغۇزۇپ بېرىدۇ، بۇ دۇنيادىن بەلكىم بالىڭىز چەكسىز بىلىم ۋە كۈچكە ئىگە بولۇشى مۇمكىن.