UyghurWiki
UyghurWikiنەمەكۆزى يورۇش جەريانىدا نېمىلەرگە ئېھتىياجلىق بولىدۇ؟

كۆزى يورۇش جەريانىدا نېمىلەرگە ئېھتىياجلىق بولىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن كۆزى يورۇش جەريانى پات ئارىدا بوۋاقنىڭ دۇنياغا كېلىش جەريانى بولۇپ، بۇ جەرياندا ھەربىر ئانا ئوخشاش بولمايدۇ. ئوخشاش بىر ئانىنىڭمۇ ھەر قېتىملىق تۇغۇت جەريانى ئوخشاش بولمايدۇ. كۆزى يورۇش جەريانىنى ئۈچ باسقۇچقا بۆلۈشكە بولىدۇ: بىرىنچى باسقۇچ، تۇغۇتى يېقىنلىشىپ، بالىياتقۇ ئېغىزى ئېچىلىش جەريانى (10 مىنۇتتا ئىككى قېتىم بالىياتقۇ تارىيىدۇ) تۇغۇتى يېقىنلىشىپ، بالىياتقۇ ئېغىزى ئىككى سانتىمېتىر ئېچىلىدۇ. كۆپ خىل ئەھۋال ئاستىدا، ئالتە سائەتتىن سەككىز سائەتكىچە بولىدۇ. بەلكىم ئۇنىڭدىنمۇ ئۇزۇن بولۇشى مۇمكىن، بالىياتقۇنىڭ تارىيىشى كۈچىيىپ، ئۈچ مىنۇتتا بىر قېتىم تارىيىدۇ. 45 سىكۇنتتىن 60 سىكۇنقىچە داۋاملاشتۇرىدۇ، ھامىلە بېشىنىڭ تۆۋەنگە چۈشۈشى تېزلىشىپ، بالىياتقۇ بوينىنىڭ كېڭىيىش سۈرئىتىمۇ تېزلىشىدۇ - دە، بالىياتقۇ ئېغىزى پۈتۈنلەي ئېچىلىدۇ (10 سانتىمېتىر)، ئادەتتە بۇنىڭغا تۆت سائەتتىن ئالتە سائەتكىچە ۋاقىت كېتىدۇ. ئىككىنچى باسقۇچ، بالىياتقۇ ئېغىزى پۈتۈنلەي ئېچىلىپ، ھامىلە تۇغۇلغانغا قەدەر بولۇپ، بىر قىسىم تۇغۇتلۇق ئاياللارنىڭ بۇ باسقۇچتىكى بالىياتقۇنىڭ تارىيىشى ئاجىز بولىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ۋېناغا تۇغۇتنى ئىلگىرى سۈرگۈچى ئوكۇل ئۇرۇش، بۇ باسقۇچ ئىككى سائەتتىن ئېشىپ كەتمەيدۇ. بالىياتقۇ ئېغىزى پۈتۈنلەي ئېچىلىپ بولغاندىن كېيىن، يېنىك ھېس قىلغاندا ئاندىن تۇغۇت ئۆيىگە كىرىشكە تەييارلىنىپ تۇرۇشى كېرەك. بالىياتقۇ تارىيىشقا باشلىغاندا نەپەس ئالماسلىققا كۈچەپ، ھامىلىنى ئاستا - ئاستا تۆۋەنگە چۈشۈرۈش. بالىياتقۇ تارايغاندا، جىنسىي يول ئېغىزىدا ھامىلە بېشى كۆرۈنسە، مەست قىلىپ، جىنسىي يولنى بوشىتىش ۋە ئاغرىتىشتىن ساقلىنىپ، تۇغۇتنى ئىلگىرى سۈرۈش. ئەگەر ھامىلە بېشى تۆۋەنگە چۈشكەندە، قىيىنچىلىق ياكى توسالغۇغا ئۇچرىسا، دوختۇر ئەمەلىي ئەھۋالغا ئاساسەن قول بىلەن ئېلىۋەتسە بولىدۇ. ئۈچىنچى باسقۇچ، ھامىلە تۇغۇلغاندىن كېيىن، بالا ھەمراھىنىڭ چۈشۈشى. ئادەتتە مىنۇت سانىساق، 30 مىنۇتتىن ئېشىپ كەتمەيدۇ. ھامىلە تۇغۇلغاندىن كېيىن دوختۇر دەرھال بالىياتقۇنى تارايتىشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان دورىنى بېرىپ، بالىياتقۇنىڭ تارىيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كۆپ قان چىقىش ياكى بالا ھەمراھى قېلىپ قېلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئوپېراتسىيە قىلسا بولىدۇ. بالىياتقۇنىڭ تارىيىشى پۈتكۈل تۇغۇت جەريانىدا ئىنتايىن مۇھىم، بالىياتقۇنىڭ تارىيىشى بىنورمال بولسا ياكى توختاپ قالسا، تۇغۇتتىن كېيىن قان كېلىدۇ. ئۈچىنچى باسقۇچتىن كېيىن قول بىلەن بالىياتقۇنى توختىماستىن ئۇۋۇلاش كېرەك، بۇ بالىياتقۇنىڭ تارىيىشىنى كۈچەيتىپ، قاننى ئازلىتىدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە