نېمە ئۈچۈن قەغەز ئۇزۇن تۇرسا سارغىيىپ قالىدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
كىتاب ۋە گېزىتلەر ئۇزۇن تۇرسا قەغىزى سارغىيىپ قالىدۇ ھەتتا بەزىلىرى <چۈرۈكلىشىپ> كېتىدۇ، كۆپرەك ۋاراقلىسىلا يىرتىلىپ كېتىدۇ. بۇ قانداق ئىش؟
بۇ سوئالغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن قەغەزنىڭ كېلىش مەنبەسىنى بىلىش كېرەك. ھەممەيلەنگەن مەلۇم، قەغەزنىڭ خام ماتېرىيالى ئاساسلىقى ياغاچ ماتېرىيالىدۇر. قەغەز زاۋۇتىدا ياغاچ ئۇۋىتىش ماشىنىسىدا ئۇۋىتىلىدۇ، ئاندىن قاينىتىش، ئۇماچلاش، ئاقارتىش ئارقىلىق قەغەز بوتقىسى ياسىلىدۇ. قەغەز بوتقىسى قەغەز ماشىنىسىدا بېسىلىپ - تارتىلىپ، تەركىبىدىكى سۇ چىقىرىۋېتىلسە ئاپئاق قەغەزگە ئايلىنىدۇ.
شۇڭا، قەغەزنىڭ ئاساسلىق تەركىبى سېلليۇلوزا بولىدۇ دەيمىز. تەركىبىدە كۆپ مىقداردا سېلليۇلوزا بولغاچقا، قەغەز چىداملىق بولىدۇ. ئەمما سېلليۇلوزىنىڭ مۇنداق بىر ئەجەللىك كەمچىلىكى بار. ئۇنى ھاۋادىكى ئوكسىگېن ئاستا - ئاستا ئوكسىدلاپ، ئەسلىدىكى ئاق رەڭنى سارغايتىۋېتىدۇ. نۇردا سېلليۇلوزىنىڭ ئوكسىدلىنىش سۈرئىتى تېز بولىدۇ، قەغەزنى ئاقارتقان پىگمېنتمۇ ئەسلىدىكى رەڭگىگە كېلىدۇ. كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن قەغەز سارغىيىپ، چۈرۈكلىشىپ كېتىدۇ.
ئالاھىدە ساقلاش قىممىتىگە ئىگە كىتابلارغا سۈپىتى ياخشى قەغەزلەر ئىشلىتىلىدۇ. بۇ قەغەزلەر بىلەن ئادەتتىكى قەغەزلەرنىڭ ئىشلىنىش ئۇسۇلىدا چوڭ پەرق يوق، ئەمما ئۇنىڭغا ئىشلىتىلىدىغان ياغاچ ماتېرىيالىنىڭ تالاسى تېخىمۇ ئۇزۇن بولشى، ياغاچ ماتېرىيالىنى قايناتقاندا ئىشلىتىلىدىغان خىمىيىلىك دورىنىڭ دورىلىق خۇسۇسىيىتى تېخىمۇ مۆتىدىل بولۇشى كېرەك، ياغاچ ماتېرىيالى تالاسىنىڭ ئەسلىدىكى قاتتىقلىقىغا بولغان زىياننى ئىمكانقەدەر ئازايتىش لازىم. شۇنداق قىلغاندىلا، قەغەزنىڭ تالالىرى ھىم يەملىشىپ، تېخىمۇ پۇختا بولىدۇ. پەن - تېخنىكىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، كىشىلەر يەنە تاشتىن ياسىلىدىغان قەغەزنى كەشىپ قىلدى. تاش قەغەز بازالت، لاۋا جىنس ياكى قۇمدىن ئىشلىنىدۇ. ئۇ ئادەتتىكى قەغەزدىن تېخىمۇ نېپىز، پۇختا بولۇپ، ئۇزۇن ساقلىنىدىغان ھۆججەت، تام قەغىزى قاتارلىقلارغا ئىشلىتىشكە بولىدۇ.