UyghurWiki
UyghurWikiنەمەبالىلارنىڭ كۆرۈش كۈچى ئاجىزلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالغانلىقىنى قانداق قىلغاندا بالدۇر بايقىغىلىبولىدۇ؟

بالىلارنىڭ كۆرۈش كۈچى ئاجىزلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالغانلىقىنى قانداق قىلغاندا بالدۇر بايقىغىلىبولىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن بالىلارنىڭ كۆرۈش كۈچى ئاجىزلىقىنى بالدۇر بايقاش ئىنتايىن مۇھىم. بۇ ئاتا - ئانىلارنىڭ نەزىرىدە سەل قاراشقا بولمايدىغان ئىش، ئالدى بىلەن ئاتا - ئانىلارنىڭ بالىلىرىنىڭ ئادەتتىكى ئىپادىسىگە دىققەت قىلىشى، ئەگەر بالىلار نەرسىلەرگە قارىغاندا ھەددىدىن زىيادە يېقىن تۇرۇپ قارىسا ياكى بېشىنى يانتۇ قىلىپ، كۆزىنى قىسىپ تۇرۇپ قارىسا ياكى كۆزىنى چىمچىقلاتسا… ۋاقتىدا دوختۇرغا ئاپىرىپ، دىئاگنوز قويدۇرۇش كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا، ئائىلە باشلىقلىرىمۇ بىر قىسىم ئاددىي سىناقلارنى قىلىپ باقسا بولىدۇ. مەسىلەن: بىر ئاز كۆزگە تاشلىنىپ تۇرىدىغان ئويۇنچۇقنى بالىنىڭ ئالدىغا قويۇپ، بالىنىڭ ۋاقتىدا بايقىيالايدىغان - بايقىيالمايدىغانلىقىغا قاراش، ئويۇنچۇقنى بالىنىڭ كۆز ئالدىدا پۇلاڭلىتىپ، بالىنىڭ ئويۇنچۇقنى تالىشىش - تالاشماسلىق ئىنكاسىغا قاراش، بالىنىڭ مۇقىم ھالدا بىرەر نەرسىنى كۆزىتىش ئىقتىدارىغا دىققەت قىلىش ، ئەگەر بالىلاردا ئويۇنچۇقنى ۋاقتىدا بايقىيالماسلىق، كۆز ئالدىدىكى پۇلاڭشىپ تۇرغان ئويۇنچۇقنى تالاشماسلىق ياكى نەرسىلەرگە تىكىلىپ تۇرۇپ قارىيالماسلىق ئەھۋالى بايقالسا، دەرھال دوختۇرخانىغا ئاپىرىش كېرەك. داۋالاش ۋاقتىنىڭ ئۆتۈپ كېتىشىدىن ساقلىنىش كېرەك، ئەڭ ياخشىسى بالا ئۈچ ياشقا كىرگەندە بىر قېتىملىق كۆرۈش قۇۋۋىتى ساغلاملىقىنى تەكشۈرۈش كېيىن ھەر يېرىم يىلدا بىر قېتىم تەكشۈرتۈپ تۇرۇش كېرەك.
← بارلىق تېمىلار نەمە
بالىلارنىڭ كۆرۈش كۈچى ئاجىزلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالغانلىقىنى قانداق قىلغاندا بالدۇر بايقىغىلىبولىدۇ؟ | UyghurWiki | UyghurWiki