ھامىلە مېڭىسىنى داۋالاش كېرەكمۇ؟
نېمە ئۈچۈن
يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ بەل، دۈمبە ۋە كاسا قىسىملىرىنىڭ تېرىسىدە كۈل رەڭ، كۆك ياكى يېشىل كۆك رەڭلىك پىگمېنتلىق داغ بولۇپ، ئادەتتە <ھامىلە مېڭى> دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ خىل پىگمېنتلىق داغلارنىڭ كۆپىنچىسى يۇمىلاق ياكى تەرتىپسىز شەكىلدە بولۇپ، گىرۋەكلىرى ئېنىق، قول بىلەن باسقاندا رەڭگى ئۆڭمەيدۇ. ھامىلە مېڭىنىڭ شەكىللىنىشىدىكى سەۋەب ئىنسانلار تېرىسىنىڭ ھەقىقىي تېرە قەۋىتىدە ئادەتتە قارا رەڭ يوق. قىسمەنلىرىدە پىگمېنتلىق ھۈجەيرىلەر كۆپرەك يىغىلىپ قالغاندا، تېرە سۈر كۆك رەڭدە كۆرۈنۈپ، ھامىلە مېڭىنى شەكىللەندۈرىدۇ، ئۇ بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ئەگىشىپ يوقاپ كېتىدۇ. ئادەتتە ئۆسمۈرلۈك دەۋرىدىلا يوقاپ كېتىدىغان بولغاچقا داۋالاشنىڭ ھاجىتى يوق.