نېمە ئۈچۈن ترىنىداد كۆلى <تەبىئىي ئاسفالىت زاۋۇتى> دەپ ئاتىلىدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
كارىب دېڭىزىدا بر كىچىك ئارال دۆلىتى بار، ئۇنىڭ نامى ترىنىداد ۋە توباگو دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇ ترىنىداد ۋە توباگودىن ئىبارەت ئىككى ئارالدىن تەركىب تاپقان. ترىنىداد ئارىلىدا ترىنىداد كۆلى دەيدىغان بىر كۆل بار، ئۇنىڭ كۆلىمى تەخمىنەن 47 گېكتار كەلسىمۇ، لېكىن كۆلدە نۇرغۇن ئاسفالىت بار، شۇڭا كىشىلەر ئۇنى ئاسفالىت كۆلى دەپ ئاتاشقان.
يىراقتىن ئاسفالىت كۆلىگە قارىسىڭىز، كۆل يۈزى خۇددى قارا سىر قاچىلانغان چوڭ بىر داسقا ئوخشاش پارقىراپ تۇرىدۇ. كىشىنى ئەڭ ەيران قالدۇرىدىغىنى شۇكى، كۆلدىكى ئاسفالتنى ھەر قانچە ئىشلەتسىمۇ تۈگىمەيدۇ. كىشىلەر 1870 - يىلىدىن باشلاپ، بۇ كۆلدىن ئاسفالىت ئالغىلى تۇرغان، بۇنىڭغا 100 يىلدىن ئاشتى. يىللىق ئاسفالت قېزىش مىقدارى 60 مىڭ توننىدىن يۇقىرى بولسىمۇ، لېكىن كۆلدىكى ئاسفالت ئورنى تۆۋەنلىتىلمىگەن، ئەسلىدە كۆل تېگىدىكى بەزى جايلار ناھايىتى يۇمشاق بولۇپ، بۇ يەرنىڭ ئاستىدا قەدىمكى زامان ھايۋانلىرىنىڭ نۇرغۇنلىغان سۆڭىكى، چىشى ۋە تاشقا ئايلانغان ماددىلار كۆمۈلۈپ قالغان. كىشىلەرنىڭ پەرىزىچە، بىر قانچە يۈز مىڭ يىل بۇرۇن، بۇ يەردە نۇرغۇنلىغان ئۆسۈملۈك ئۆسكەن ۋە ھەر خىل ھايۋانلار ياشىغان. يەر پوستىدا ھەرىكەت يۈز بەرگەندە، ئۇلار چوڭقۇر يەر قاتلىمىغا كۆمۈلۈپ قالغان. مەلۇم تېمپېراتۇرا ۋە بېسىم ئارقىسىدا، ئۇزاق يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن بۇ جانلىقلار ئاستا - ئاستا تەركىبىدە كاربون ۋە ئوكسىگېن بولغان ئورگانىك بىرىكمىلەرگە ئايلانغان، ئۇلارنىڭ يەنە بىر قىسمى بولسا ئاسفالتقا ئايلانغان. كۆپ يىللاردىن بېرى ئاسفالت ئۈزۈلمەي چىققاچقا، <تەبىئىي ئاسفالت زاۋۇتى> بولۇپ قالغان.