UyghurWiki
UyghurWikiنەمەنېمە ئۈچۈن بالىلارغا بالىلار پالىچى كۇمۇلىچى يېگۈزۈلىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن بالىلارغا بالىلار پالىچى كۇمۇلىچى يېگۈزۈلىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن بالىلار پالىچى كۇمۇلىچى بالىلار پالەچلىكىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. بالىلار پالىچى تېبابەتتە <يۇلۇن سۇر ماددا ياللۇغى> دېيىلىپ، بىر خىل يۇقۇملۇق كېسەل بولۇپ، پۇت - قولى پالەچلىنىپ مەڭگۈلۈك مىيىپلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بالىلار پالىچى كۇمۇلىچىنىڭ ھەقىقىي نامى يۇلۇن سۇر ماددا زەھىرى ئاجىزلاشتۇرۇلغان تىرىك ۋاكسىنا بولۇپ، ئۈچ قېتىمغا بۆلۈپ، ھەر قېتىمدا 28 كۈندىن ئارتۇق (بىر ئاي) ۋاقىت ئۆتكۈزۈپ يېگۈزۈلىدۇ. بوۋاق ئىككى ئايغا تولغاندا بىرىنچى قېتىم يېگۈزۈلىدۇ، ئۈچ ئايلىق بولغاندا ئىككىنچى قېتىم، تۆت ئايلىق بولغاندا ئۈچىنچى قېتىم يېگۈزۈلىدۇ. ئۈچ قېتىم يېگۈزۈلۈپ بولغاندىن كېيىن بوۋاق بەدىنىدە ماس ھالدا كېسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچى ھاسىل بولۇپ، ئۈنۈملۈك ھالدا بالىلار پالىچىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. ئۇنىڭدىن سىرت، بوۋاق تۆت ياشلارغا كىرگەندە بىر قېتىم كۈچەيتىپ يېگۈزۈلىدۇ. بوۋاقنىڭ سالامەت ئۆسۈپ يېتىلىشى ئۈچۈن چوقۇم ۋاقتىدا ئالدىنى ئېلىش ۋاكسىنىسى ئەملەش نۇقتىلىرىدا كۇمىلاچ يېگۈزۈش كېرەك
← بارلىق تېمىلار نەمە