نېمە ئۈچۈن ئۆسۈملۈككە رەڭلىك سۇياۋ يوپۇق يېپىلسا ئۆسۈشى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
بىز ئالدى بىلەن مۇنداق بىر تەجرىبە ئىشلەپ كۆرەيلى: بىر دانە ئۈچ قىرلىق ئەينەك ئېلىپ، قۇياش نۇرىنى بۇ ئۈچ قىرلىق ئەينەكتىن ئۆتكۈزىمىز. بۇنداق قىلغاندا، ئۈچ قىرلىق ئەينەكنىڭ يەنە بىر يۈزىدە نۇر سۇنۇپ قىزىل، قىزغۇچ سېرىق، يېشىل، كۆك، قاراكۆك، بىنەپشىدىن ئىبارەت يەتتە خىل رەڭلىك نۇر بولۇپ چۈشىدۇ.
قارىماققا، يېشىل ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ھەممىسى قۇياش نۇرى ئاستىدا فوتوسىنتېز ئېلىپ بارىدۇ، رەڭدار نۇرغا بولغان تاللىشى روشەن ئەمەستەك سېزىلىدۇ. ئوخشاش بولمىغان ئۆسۈملۈكلەرنىڭ رەڭدار نۇرنى خالاش دەرىجىسى ئوخشاشمايدۇ، بەزىلەر قىزىل نۇرنى خالىسا، بەزىلىرى كۆك نۇرنى، يەنە بەزىلىرى سېرىق نۇرنى خالايدۇ. ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ياقتۇرۇشى قاندۇرۇلسىلا، ئۇلار شاخ - يوپۇرماقلىرى بۈك - باراقسان ئۆسىدۇ، ھەتتا تېخى ئۇ ئۆسۈملۈك تېنىدە ئورگانىك ماددىلارنىڭ ھاسىل بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. نېمە ئۈچۈن بۇنداق بولىدۇ؟
ئەسلىدە ئۆسۈملۈك ھۈجەيرىسىدىكى خلوروفىل تەنچىلىرى تەركىبىدە كۆپ خىل ئوخشاش بولمىغان پىگمېنتلار بولىدۇ. مەسلەن، خلوروفىل a، خلوروفىل b، كسانتوفىل، كاروتېنوئىد قاتارلىقلار. ئۇلارنىڭ قۇياش نۇرىنى تۇتۇپ قېلىش ئىقتىدارى ئوخشاشمايدۇ، خلوروفىل a قىزىل، قىزغۇچ سېرىق نۇرلارنى، خلوروفىل b كۆك، بىنەپشە نۇرلارنى تۇتۇپ قېلىشقا ماھىر. ئوخشاش بولمىغان ئۆسۈملۈكلەرنىڭ تەركىبىدىكى پىگمېنتلار ئوخشاش بولمىغانلىقتىن، بەزىلىرىنىڭ تەركىبىدە خلوروفىل a كۆپرەك، بەزىلىرىنىڭ تەركىبىدە خلوروفىل b كۆپرەك... بولىدۇ. دېمەك، ئۇلارنىڭ رەڭدار نۇرلارغا بولغان ياقتۇرۇشىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. مەسىلەن، كېۋەزنى ئالساق، ئۇنىڭ يوپۇرمىقى تەركىبىدە خلوروفىل a كۆپرەك بولىدۇ، شۇڭا ئۇ قىزىل، قىزغۇچ سېرىق نۇرلارنى تۇتۇپ قېلىشقا ئالاھىدە ماھىر. كېۋەز كۈن نۇرى تولۇق چۈشكەن جايدا ياخشى ئۆسۈشى مانا بۇنىڭ داۋلىسىدۇر.
يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدا، ئەگەر قاراتمىلىقى بولغان ھالدا زىرائەتلەرگە بىر قەۋەت رەڭلىك سۇلياۋ يوپۇق يېپىلسا مەھسۇلات ئېشىش ئۈنۈمىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ. مەسىلەن، تەرخەمەكنى قىزىل سۇلياۋ يوپۇق ئاستىدا ئۆستۈرگەندە، مەھسۇلاتنى 0.5 - 1 ھەسسە ئاشۇرغىلى بولىدۇ. شۇڭا، كىشىلەر زىرائەتلەرگە رەڭلىك سۇلياۋ يوپۇق يېپىشنى <يورۇقلۇق ئوغۇتى> بېرىش دەپ ئاتىشىدۇ.