UyghurWiki
UyghurWikiنەمەبالىڭىزنى تەپسىلىي كۆزىتىپ، شادلىنىشنى بىلەمسىز؟

بالىڭىزنى تەپسىلىي كۆزىتىپ، شادلىنىشنى بىلەمسىز؟

نېمە ئۈچۈن دۇنياغا ئەمدىلا كۆز ئاچقان كىچىككىنە جانلىققا قاراپ، بۇ دۇنيانىڭ ئاجايىپلىقىغا ھەيران قالىسىز. تەڭرىنىڭ قىلغان بۇ سوۋغىسى تەبىئىيلا ئاتا - ئانىنىڭ بارلىق زېھنىي كۈچى ۋە دىققەت ئېتىبارىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ قالىدۇ. ئانا - بالا بىر ئۆيدە تۇرسا بالىنى چۈشىنىش پۇرسىتى كۆپ بولىدۇ. يەنى، يىغلىغان ۋاقىتتا ئۇنىڭ قايسى خىل ھېسسىياتىنى، ئارزۇسىنى ئىپادىلىمەكچى ئىكەنلىكىنى، نېمىنىڭ ئۇنى جەلپ قىلىدىغانلىقىنى بىلگىلى بولىدۇ. ئۇنىڭ تاتلىق ئۇخلاۋاتقان ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ، تەپسىلىي ھالدا ئۇنىڭ ھەممە يېرىنى كۆزىتىپ چىقىڭ. بالىڭىزنىڭ ئۆسۈپ - يېتىلىش جەريانىغا ھەمراھ بولۇپ، بۇ ئۇنتۇلماس مىنۇتلارنى بىرگە ئۆتكۈزۈڭ. مانا بۇلار ئارقىلىق بالىڭىز بىلەن ئۆزىڭىزلا بىلىدىغان، باشقىلار بىلمەيدىغان مەخپىيەتلىكنى بايقىيالايسىز. شۇڭا، نۇرغۇنلىغان كىشىلەر بالا قاتتىق يىغلىغاندا نېمە دېمەكچى ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ، پەقەت ئانا بولغان ئادەملا دەرھال بالىسىنىڭ كۆڭلىدىكىنى چۈشىنەلەيدۇ. ئانىنىڭ بۇ خىل سەزگۈسى تەبىئىي بولمايدۇ، پەقەت بالا بىلەن كۆپ يېقىنلاشقاندا، ئاندىن شەكىللىنىدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە