UyghurWiki
UyghurWikiنەمەبالا ئېمىتىۋاتقان ئايالغا كۆڭۈل بۆلۈش كېرەكمۇ - يوق؟

بالا ئېمىتىۋاتقان ئايالغا كۆڭۈل بۆلۈش كېرەكمۇ - يوق؟

نېمە ئۈچۈن بالا ئېمىتىۋاتقان مەزگىلدىكى ئاياللار ناھايىتى ئوڭايلا چارچايدۇ، ئۇلار ئۆيدىكىلەرنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە ئاسرىشى ۋە قوللىشىغا، ئەڭ مۇھىمى ئېرىنىڭ كۆيۈنۈشى، قوللىشىغا موھتاج بولىدۇ. ئانىلار بالا ئېمىتىۋاتقان مەزگىلدە دادا چوقۇم بۇ ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك، دادا بۇ ۋاقىتتا بەلكىم كۈتكۈچى، باشقۇرغۇچى، ئاشپەز ياكى شوپۇر بولۇشى مۇمكىن. دادا بۇ ۋاقىتتا يەنە ھەممە ئىشنى قىلالايدىغان، بىرگە ماھىر، كۆپكە قادىرلىق رولىنى، ئەڭ مۇھىمى ئايالىغا ياردەملىشىپ، <پسىخىكا دوختۇرى> ىلىق رولىنى ئۆتۈشى كېرەك. بالا ئېمىتىش مەزگىلىدە تۇرغان ئانىلار ئازابلىق تۇغۇت جەريانىنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن دائىم بالا ئېمىتىپ، بالىغا قاراپ، ناھايىتى چارچاپ كېتىدۇ. بىز دائىم ئانىلارنىڭ روھىي جەھەتتىن قاتتىق چارچاپ كەتكەنلىكىنى ئاڭلايمىز، چۈنكى ئۇلارنىڭ روھىي ۋە پسىخىكا جەھەتتىن ھاردۇقىنى چىقىرىدىغان ئورۇن يوق بولۇپ، ھەممە ئىش ئۇلارغا قاراپ قالغان، ياخشى بولغان <پسىخولوگىيە دوختۇرى> ئايالىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، تىنچ ھالەتنى ساقلايدۇ، ئايالىغا يۇمۇرىستىك تۇيغۇ بېرىدۇ ۋە ئايالىنىڭ بېسىمىنى ئازايتىدۇ... ئايالىدا ئىشەنچ پەيدا قىلىپ، ئانىلىق رولىنى ئۆتەش جەريانىدىكى خۇشاللىقنى تېپىشىغا ياردەم قىلىدۇ. كەيپىياتى ياخشى تۇرۇپ بالا ئېمىتكەن ئاياللارنىڭ بالىلارغا ئېلىپ كەلگەن خۇشاللىقىدىن دادىلارمۇ خۇشال بولۇشىدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە