بالا ئىمىتىۋاتقان ئاياللار تاماقنى مۇۋاپىقلاشتۇرۇش مۇھىممۇ؟
نېمە ئۈچۈن
بالا ئېمىتىۋاتقان مەزگىلدە ئوزۇقلۇق ناھايىتى مۇھىم، ئانا بالىنى سۈت بىلەن تەمىن ئەتكەچكە، سەرپ قىلغان بارلىق ئىسسىقلىق تەبىئىيلا ئادەتتە سەرپ قىلغان ئىسسىقلىقتىن يۇقىرى ھەم ئېھتىياجلىق بولغان ئوزۇقلۇقىمىز ئادەتتىكىدىن كۆپ بولىدۇ، شۇڭا بالا ئېمىتىۋاتقان مەزگىلدە ئانا تاماق تاللىغاندا، تاماقنى مۇۋاپىقلاشتۇرۇشقا دىققەت قىلىشى، تۈرى خىلمۇخىل، مىقدارى يېتەرلىك، ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرىنى تاللاپ، ئانا بالىنىڭ يېتەرلىك ئوزۇقلۇق قوبۇل قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. بىز ھەممىمىز ئانا سۈتىدىكى ئوزۇقلۇقنىڭ يېڭى تۇغۇلغان بالىلارغا نىسبەتەن كۆڭۈلدىكىدەك يېمىكى ئىكەنلىكىنى، تۆت ئايلىقتىن ئالتە ئايلىققىچە بولغان بالىلارنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدىغانلىقىنى بىلىمىز. ئەگەر بۇ مەزگىلدە ئانىغا ئوزۇقلۇق يېتىشمىسە، ئانىنىڭ سالامەتلىكىگە تەسىر يېتىپلا قالماستىن، سۈت سۈپىتىمۇ تۆۋەنلەپ، بالىنىڭ يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇڭا، بالا ئېمىتىش مەزگىلىدە تاماقنى مۇۋاپىقلاشتۇرۇش ئىنتايىن مۇھىم.