نېمە ئۈچۈن نۇرمۇ بۇلغىنىش پەيدا قىلىدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
ئىنسانلارنىڭ تۇرمۇشى يورۇقلۇقتقن ئايرىلالمايدۇ. لېكىن ھەددىدىن زىيادە يورۇقلۇق ئادەمنىڭ سالامەتلىكى ئۈچۈن تەھدىت. نۇرغۇن شەھەرلەردە ئىمارەتلەرگە ئەينەك، پارقىرىتىلغان مەرمەر تاش ۋە چىنە خىش قاتارلىق بېزەك ماتېرىياللىرى ئىشلىتىلىدۇ، بۇلارنىڭ نۇر قايتۇرۇش ئىقتىدارى ئادەتتىكى خىش - تاشلارنىڭ نۇر قايتۇرۇش ئىقتىدارىنىڭ ئون ھەسسىسىگە باراۋەر كېلىدۇ. قۇياش نۇرى كۈچلۈك چۈشكەندە ئۇلاردىن ئادەم كۆزىگە قايتقان نۇر ئادەم كۆزنىڭ بەرداشلىق بېرىش چېكىدىن كۆپ ئېشىپ كېتىدۇ، بۇ نۇر ئادەم كۆزىگە زەخمەت يەتكۈزىدۇ.
يورۇتۇش كۈچىنىڭ بەك تېز ئۆزگىرىشىمۇ بىر خىل بۇلغىنىش. بىزگە مەلۇمكى، ئادەم كۆزى كۆز قارىچۇقىنىڭ تەڭشەش رولى بىلەن مەلۇم كۈچ دائىرىسىدىكى ئۆزگىرىۋاتقان نۇر رادىئاتسىيىسىگە ماسلىشالايدۇ. ئەمما، ئەگەر نۇرنىڭ كۈچى دائىم تۇيۇقسىز ئۆزگەرسە ئادەم كۆزىگە ئوڭايلا زەخمەت يېتىدۇ. شۇڭا، كەپشەرچى ئىشلىگەندە مۇداپىئە نىقابى تاقىۋالىدۇ.
زاۋۇت، ۋوگزالنىڭ مەركىزىي كونترولخانىسىدا قىزىل، يېشىل سىگنال چىراغلىرى نۆۋەتلىشىپ چاقناپ تۇرىدۇ؛ سەھنىلەردە ھەر خىل رەڭلىك چىراغلار توختىماي تېز ئايلىنىدۇ، ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان بۇ رەڭلىك نۇرلار كۆزنى ئوڭايلا تالدۇرۇپ قويىدۇ، ھەتتا زەخمەت يەتكۈزىدۇ. بولۇپمۇ تانسىخانىلاردىكى قارا نۇرلۇق چىراغ يەنە كۈچلۈك ئۇلترا بىنەپشە نۇر پەيدا قىلىدۇ، ئەگەر ئۇزاق چۈشسە كۆزگە ئاق چۈشۈرۈپ قويىدۇ، ھەتتا ئاق قان كېسىلى ۋە باشقا راك كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
نۇردا بۇلغانغان مۇھىتتا ئۇزۇن مۇددەت ئىشلىگەن، ياشىغان ئادەمنىڭ كۆزى ئاسان زەخمەتكە ئۇچرىغاندىن باشقا يەنە بېشى قېيىش، ئىچى تىتىلداش، ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش، روھى چۈشۈش، ماغدۇرسىزلىنىش ۋە ئۇيقۇسىزلىق ئالامەتلىرى كۆرۈلۈشى مۇمكىن. شۇڭا، نۇردىن بۇلغىنىشتىن ھوشيار بولۇشىمىز لازىم.