سىرتقى جىنسىي ئەزاسىنى كېسىش ئوپېراتسىيىسى قىلسا بولامدۇ - بولمامدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
تەبىئىي زەخىملىنىش پەيدا بولسا تېرىسى ئاجىز بولغان يەرلەرمۇ زەخىملىنىدۇ، بەزى ۋاقىتتا ھەتتا مەقئەت يولى ۋە توغرا ئۈچەيمۇ زەخىملىنىدۇ. بۇ خىل زەخمە ئاغزى ناھايىتى تەستە يىملىشىدۇ ھەم بۇنىڭغا بىر مەزگىل ۋاقىت كېتىدۇ. شۇڭا، تەبىئىي زەخىملىنىش تېخى بايقالمىغان ۋاقىتتىن ئىلگىرى، دوختۇر قايچا بىلەن جىنسىي ئەزانى كەسسە بولىدۇ. قايچا بىلەن كەسكەندە ھامىلىنىڭ تۇغۇلۇش ۋاقتىنى قىسقارتىپ، يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. ئوپېراتسىيىدىن ئىلگىرى چوقۇم ئاساسىي قىسمىنى مەست قىلىش كېرەك. ئوپېراتسىيىدىن كېيىنكى ئىككى - ئۈچ كۈندە كەسكەن يەر بەزى ۋاقىتتا قاتتىق ئاغرىيدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، يەنە جىنسىي يول دىۋارى ۋە چاتىراق بىرلىشىپ قاتتىق ئاغرىيدۇ. بۇ ۋاقىتتا مەيلى ئۆرە تۇرۇڭ ياكى ئولتۇرۇڭ بەرىبىر قاتتىق ئاغرىيدۇ. شۇڭا، يەنىلا ياتقان بىر ئاز ياخشى. ئەگەر ئاغرىپ بەرداشلىق بېرەلمىسە، دوختۇرنى تەكلىپ قىلىپ، ئاغرىقنى توختاتسا بولىدۇ. چاتىراقنىڭ ئاغرىشى تەرەتكە تەسىر يەتكۈزگەچكە، دوختۇر تەكلىپ قىلىپ، ئىچنى سۈردۈرۈش دورىسى ئىشلىتىش كېرەك.