مۈشۈك نېمە ئۈچۈن كۆزىنى ئۆزگەرتەلەيدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
سىز دىققەت قىلىدىڭىزمۇ، يوق، مۈشۈكنىڭ كۆزى بىر كۈندە ۋاقتىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. يەنى ئەتىگەندە چىلان ئۇرۇقىدەك، چۈشتە سىزىق شەكلىدە، كەچتە تولۇق ئايدەك بولىدۇ.
ئۇنداقتا، مۈشۈكنىڭ كۆزى نېمە ئۈچۈن بىر كۈندە ئۈچ قېتىم ئۆزگىرىدۇ؟
ئەمەلىيەتتە، مۈشۈكنىڭ كۆزىنىڭ ئۆزگىرىشى سۈرەت تارتىش ئاپپاراتىدا سۈرەت تارتىش قائىدىسىگە ئوخشىشىپ كېتىدۇ. سۈرەت تارتالايدىغانلارغا مەلۇمكى، سۈرەت تارتىش ئاپپارتىد سۈرەتكە تارتىدىغان چاغدا، كامېرا ئۈستىدىكى يورۇقلۇق چەمبىرىكى ئارقىلىق كامېراغا چۈشىدىغان مەنزىرىنىڭ چوڭ - كىچىكلىكىنى ئۆزگەرتىش ھەمدە نۇرنى تەڭشەش كېرەك. كۆزنىڭ قارىچۇقى دەل مۇشۇ رولنى ئوينايدىغان بولۇپ، كۆز قارىچۇقىنىڭ چوڭ - كىچىكلىكىنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق نۇرنى تەڭشىگىلى بولىدۇ. لېكىن، ئادەمنىڭ كۆز قارىچۇقىنىڭ تارىيىش ئىقتىدارى مۈشۈكنىڭكىگە يەتمەيدۇ. شۇڭا، ئادەملەر كۈچلۈك قۇياش نۇرى ئاستىدا تۇرغاندا ناھايىتى بىئارام بولىدۇ. بەزىلەر قار ياغقاندا قارا كۆزەينەك تاقىۋېلىش ئارقىلى كۈچلۈك نۇرنىڭ كۆرۈش پەرىسىنى زەخمىلەندۈرۈپ قويۇشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. لېكىن، مۈشۈك بۇ جەھەتتە ئادەملەرگە ئوخشاشمايدۇ. ئۇ ئوخشاش بولمىغان كۈچلۈك نۇرلارنىڭ يورۇتۇشىغا ناھايىتى ياخشى ماسلىشالايدۇ. كۈندۈزدىكى كۈچلۈك قۇياش نۇرىدا، ئۇنىڭ كۆزى قارىچۇقى ناھايىتى كىچىكلەپ خۇددى بىر تال سىزىققىلا ئوخششىپ قالىدۇ. كېچىسى نۇر خىرە بولغان ئەھۋالدا كۆز قارىچۇقى خۇددى تولۇن ئايدەك ناھايىتى چوڭ ئېچىلىدۇ. مۈشۈكنىڭ كۆز قارىچۇقىدىكى قورۇغۇچى مۇسكۇلنىڭ تارىيىش ئىقتىدارى ئالاھىدە كۈچلۈك بولغاچقا، نۇرغا بولغان ئىنكاس ئەنە شۇنداق سەزگۈر بولىدۇ. شۇسەۋەبتىن نۇر مەيلى كۈچلۈك، ياكى ئاجىز بولسۇن، مۈشۈك نەرسىلەرنى ئوخشاشلا ناھايىتى ئېنىق كۆرەلەيدۇ. دېمەك، كېچىسى كىشىلەر شېرىن ئۇيقۇغا كەتكەندىمۇ، «تالا مۈشۈك» لىرىنىڭ ئالدىراش يۈرۈشى ئەجەبلىنەرلىك ئىش ئەمەس.