UyghurWiki
UyghurWikiنەمەبالىلارغا ئۆرۈلۈشنى قانداق ئۆگىتىش كېرەك؟

بالىلارغا ئۆرۈلۈشنى قانداق ئۆگىتىش كېرەك؟

نېمە ئۈچۈن ئۆرۈلۈش بولسا بالىلار تۇغۇلغاندىن كېيىنكى بىرىنچى قېتىملىق پۈتۈن بەدەن ھەرىكىتى بولۇپ، ئاساسلىقى بالىنىڭ ئوڭدىسىغا ياتقان ھالەتتىن يانغا ئۆرۈلۈشى ئاندىن دۈم بولۇشى، ئاخىرىدا يەنە قايتىدىن دۈم ھالەتتىن ئوڭدىسىغا، يانتۇ ھالەتكە ئۆتۈشىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ باش، بويۇن، بەل، پۇت - قوللارنىڭ زىچ ماسلىشىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. قىيىنلىق دەرىجىسى بىر ئاز چوڭ. تەرتىپىلىك ھالدا، ئاستا - ئاستا ئېلىپ بېرىش كېرەك. ئۆرۈلۈشنى ئۆگىنىش ئارقىلىق، بالىلار ئىختىيارىي ھالدا بەدەن قىياپىتىنى ئۆزگەرتەلەيدىغان بولىدۇ. ئوخشاش بولمىغان نۇقتىدىن تۇرۇپ، ئوخشاش بولمىغان ئارىلىقتا ئەتراپتىكى ئادەم شەيىئي ياكى پائالىيەتلىرىنى كۆزىتەلەيدۇ. بالىغا ئۆرۈلۈشنى ئۆگىتىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى بولسا دۈم ھالەتتە بېشىنى كۆتۈرەلەيدىغان بولۇش بولۇپ، ئادەتتە ئۈچ ئاي ئەتراپىدا بولغانلارغا مەشىق قىلغۇزسا بولىدۇ. ئاۋۋال ئوڭدىسىغا ھالەتتىن يانتۇ ھالەتكە مەشىق قىلغۇزۇش. كونكرېت ئۇسۇلى: ئاۋۋال بالىنىڭ ئىككى پۇتىنى گىرەلەشتۈرۈش. چوڭلار بىر قولى بىلەن بالىنىڭ ئوڭ - سول بىلەكلىرىنى كۆكرىكىگە قويۇپ، يەنە بىر قولىنى بالىنىڭ كەينىگە ئۆتكۈزۈپ يېنىكلىك بىلەن بالىنىڭ دۈمبىسىنى ئىتتىرىپ، ئۇنىڭ ئوڭدا ياتقان ھالەتتىن يانتۇ ھالەتكە ئۆرۈلۈشىگە ياردەم بېرىش كېرەك (ئوڭ ياكى سول تەرەپكە ئۆرۈلگەندىمۇ مۇشۇ ئۇسۇل بويىچە ئېلىپ بارسا بولىدۇ). بەش ئاي ئەتراپىدا بولغانلارغا يانتۇ ھالەتتىن دۈم ھالەتكە، ئاندىن دۈم ھالەتتىن ئوڭدىسىغا ياتقان ھالەتكە ئۆرۈلۈشكە مەشىق قىلدۇرسا بولىدۇ. كونكرېت ئۇسۇلى: چوڭلار ئويۇنچۇق ئارقىلىق بالىنى يانتۇ بولۇشقا قىزىقتۇرۇپ، بالىدا خۇشاللىق بىلەن ئۆرۈلىدىغان ئارزۇ پەيدا قىلىش، شۇنداقلا بىر قولى بىلەن بالىنىڭ سول بىلىكى ياكى ئوڭ بىلىكىنى كارىۋاتقا چاپلاپ، يەنە بىر قولى بىلەن بالىنىڭ بەدىنىنى ئىتتىرىپ، بالىنىڭ پۈتۈن بەدىنىنى ئۆرۈشكە ياردەم بېرىش كېرەك. ئادەتتە، ھەر كۈنى ئىككى - ئۈچ قېتىم مەشىق قىلغۇزسا بولىدۇ. دۈم ھالەتتە ئۆرۈلۈشنى مەشىق قىلغۇزغاندا كارىۋات قاتتىقراق، سىلىقراق بولۇشى ھەم مۇئەييەن بىر بوشلۇق بولۇشى كېرەك. ئەگەر قىش كۈنى بولسا بالىغا نېپىزراق كىيىم كىيدۈرۈپ، ئۆي ئىچىنىڭ تېمپېراتۇرىسىنى بەلگىلىك دەرىجىدە ساقلاپ مەشىق قىلدۇرۇش. ھەر كۈنى بۇ ھەرىكەتنى ئوڭۇشلۇق تاماملاپ بولغاندىن كېيىن چوڭلار بالىنى قۇچاقلاپ، سۆيۈپ ئوينىتىپ، ئۇنىڭغا ئىلھام بېرىش كېرەك
← بارلىق تېمىلار نەمە