UyghurWiki
UyghurWikiنەمەنېمە ئۈچۈن قىشتا كىيىمنى كۆپ كىيىش مۇۋاپىق ئەمەس؟

نېمە ئۈچۈن قىشتا كىيىمنى كۆپ كىيىش مۇۋاپىق ئەمەس؟

نېمە ئۈچۈن قىش كىرىشى بىلەن بىر مۇنچە ئائىلە باشلىقلىرى بالىلىرىنىڭ مۇزلاپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ، كىيىمنى بەك قېلىن كىيدۈرۈپ قويىدۇ. بۇنداق قىلىشنىڭ ھېچبولمىغاندا مۇنداق ئۈچ تۈرلۈك زىيىنى بار. بىرىنچى، قىشتا، بەزىدە بەك سوغۇق بولۇپ كەتمەيدۇ، كىيىمنى بەك قېلىن كىيىۋالغاندا كىيىم ئىچىدە يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق، يۇقىرى نەملىك كىچىك كىلىمات شەكىللىنىدۇ، ئۇزاق مۇددەت مۇشۇنداق ھالەتتە تۇرسا، ئادەم ناھايىتى بىئاراملىق ھېس قىلىدۇ. ئىككىنچى، بالدۇرلا بەك قېلىن كىيىۋالغاندا، ئادەم بەدىنىنىڭ تېمپېراتۇرا تەڭشەش ئىقتىدارىنى چەكلەپ، ئادەم بەدىنىنىڭ سوغۇققا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدرىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ. بۇنداق كىشىلەر ئاسانلا زۇكام بولىدۇ. ئۈچىنچى، كىيىمنى بەك كۆپ ۋە بەك قېلىن كىيدۈرۈۋەتسە، بالىلار قولىشالماي قالىدۇ - دە، ھەرىكىتى چەكلىمىگە ئۇچرايدۇ، شۇنداقلا بالىنىڭ ئۆسۈشىگە تەسىر يېتىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، بالىلارنى مۇۋاپىق كىيىندۈرۈش كېرەكلىكىنى، قانچە قېلىن بولسا شۇنچە ياخشى دېگەن دۇرۇس ئىش ئەمەسلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. ئالىي دەرىجىلىك ھايۋان بولغان ئادەمنىڭ مۇھىتنىڭ ئۆزگىرىشىگە نىسبەتەن مەلۇم دەرىجىدە ماسلىشىش ئىقتىدارى بولىدۇ، كىيىم كىيىش، ئىسسىنىش ئادەمنىڭ ماسلىشىش ئىقتىدارىنىڭ يېتىشمىگەن قىسمىنى تولۇقلاش ئۈچۈندۇر. ئەمەلىيەتتە سوغۇققا تاقابىل تۇرۇشنىڭ ئەڭ ياخشى چارىسى كىيىمنى كۆپ كىيىش ئەمەس، بەلكى سوغۇققا چىداملىق بولۇش بويىچە چېنىقىش، بەدەننىڭ سوغۇققا بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش. ھەرىكەت فىزىئولوگىيىسى بويىچە ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتلارغا ئاساسلانغاندا، قىشتا كىيىمنى مۇۋاپىق ھالدا ئازراق كىيىپ، بەدەنگە ئازراق <سوغۇق> ئۆتكۈزۈپ، تېرە قان تومۇرلىرىنىڭ قايتا - قايتا كېڭىيىپ تارىيىشىغا ئىمكانىيەت يارىتىش، تېرە قان تومۇرلىرىنىڭ قان ئايلىنىشىنى كۈچەيتىپ، تېرىنىڭ سوغۇققا بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارى ۋە پۈتكۈل ئادەم بەدىنىنىڭ سوغۇقتىن مۇداپىئەلىنىش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش كېرەك ئىكەن. شۇڭا، قىشتا بالىلارنى سىرتقا چىقىپ پائالىيەت ئېلىپ بېرىشقا، سوغۇق سۇ بىلەن يۈز يۇيۇشقا ھەتتا يۇيۇنۇشقا ئادەتلىنىشكە رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك. كونىلارنىڭ: <ئامان بولسۇن بالام دېسەڭ، ئازدۇر - كۆپتۇر ئىسسىق - سوغۇققا قوي> دېگەن سۆزى مۇشۇ داۋلىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە
نېمە ئۈچۈن قىشتا كىيىمنى كۆپ كىيىش مۇۋاپىق ئەمەس؟ | UyghurWiki | UyghurWiki