UyghurWiki
UyghurWikiنەمەنېمە ئۈچۈن دېڭىز يۈزىدە <ئۇچقۇن> پەيدا بولىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن دېڭىز يۈزىدە <ئۇچقۇن> پەيدا بولىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن ھەر قېتىم تۈن قاراڭغۇسى بولغاندا، بىپايان دېڭىزدا دائىم غەلىتە نۇر چاقنايدۇ، ئۇلارنىڭ بەزىسى خۇددى كۆزنى چاقنىتىدىغان ئۇششاق يۇلتۇزلارغا ئوخشىسا، يەنە بەزىسى خۇددى رەڭلىك ساليوتقا ئوخشىشىدۇ، كىشىلەر دېڭىزدىكى بۇنداق نۇر چاقناش ھادىسىسىنى <دېڭىز ئۇچقۇنى> دەپ ئاتىشىدۇ. <دېڭىز ئۇچقۇنى> ئەمەلىيەتتە دېڭىزدىكى جانلىقلار چاقنايدىغان نۇردىن پەيدا بولغان. كەڭ دېڭىزدا نۇر چاقنىتىدىغان جانلىقلار ناھايىتى كۆپ، ئەڭ ئاددىي باكتېرىيىدىن تارتىپ مۇرەككەپ ھايۋانلارغىچە ھەممىسى نۇر چاقنىتىدۇ، مەسىلەن، تاق ھۈجەيرىلىك تۈكلۈك قۇرت، مېدۇزا، ھەتتا بەزى بېلىق تۈرلىرىمۇ نۇر چاقنىتىدۇ. چۈنكى ئۇلارنىڭ تېنىدە نۇر چاقناتقۇچى ھۈجەيرە ۋە نۇر چاقنايدىغان ئەزا ئۆسكەن، ئۇلارنىڭ ئىچىدە فلۇئۇرېسسېسيە ۋە ليۇتسېفېرىن بولىدۇ، دېڭىز سۈيىنىڭ تەۋرىتىشى ۋە باشقا تاشقى ئامىللارنىڭ تەسىرى ئارقىسىدا، فلۇئۇرېسسېسيە ۋە ليۇتسېفېرىن ھاۋادىكى ئوكسىگېن بىلەن ئوكسىدلىنىپ نۇر چاقنىتىدۇ. گەرچە <دېڭىز ئۇچقۇنى> ھادىسىسى ناھايىتى ئومۇميۈزلۈك ئەھۋال بولسىمۇ، لېكىن ئوخشاش بولمىغان دېڭىز تەۋەلىكىدە چاقنايدىغان قېتىم سانىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ، بەزى جايلارنىڭ دېڭىز تەۋەلىكىدە نۇر چاقنىتىدىغان جانلىقلار بىر قەدەر كۆپ بولغاچقا، نۇر چاقناش كنىمۇ كۆپ بولىدۇ، ئادەتتە ھەر يىلى 200 كۈندىن كۆپ بولىدۇ، چاقنىغان <ئۇچقۇن> مۇ بىر قەدەر كۈچلۈك بولىدۇ، بۇنىڭدىن باشقا، <دېڭىز ئۇچقۇنى> يۈزبېرىشى پەسىل بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك، ياز پەسلىدە دېڭىز - ئوكيان جانلىقلىرى كۆپىيىدۇ، ھەرىكىتىمۇ جانلىنىدۇ، <دېڭىز ئۇچقۇنى> نىڭ قېتىم سانىمۇ كۆپ بولىدۇ. <دېڭىز ئۇچقۇنى> نىڭ ئىنسانلارغا پايدىسىمۇ، زىيىنىمۇ بار، ئۇ دېڭىزچىلارنىڭ دېڭىز يولى بەلگىسى ۋە توسالغۇلارنى پەرق ئېتىشىگە، بېلىقچىلارنىڭ بېلىق توپىنى بايقىشىغا ياردەم بېرىدۇ، ھەتتا دېڭىز - ئوكيانلاردا يەر تەۋرەش ياكى دېڭىز شاۋقۇنى يۈز بېرىشتىن ئالدىن بېشارەت بېرىدۇ. لېكىن، بەزى چاغلاردا <دېڭىز ئۇچقۇنى> ئادەملەرنىڭ كۆزىگە تەسىر كۆرسىتىپ، دېڭىز يۈزىنى كۆرۈش ئىقتىدارىنى ئاجىزلاشتۇرۇۋېتىدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە
نېمە ئۈچۈن دېڭىز يۈزىدە <ئۇچقۇن> پەيدا بولىدۇ؟ | UyghurWiki | UyghurWiki