نېمە ئۈچۈن زامانىۋى كۆۋرۈكلەرنىڭ ناھايىتى ئۇزۇن كۆۋرۈك باشلىمى بولىدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
ئەڭ دەسلەپكى كۆۋرۈكنىڭ ئىككى قىرغىقىدىكى يولنى تۇتاشتۇرۇش ئىدى. كېيىن كىشىلەر تار جىلغىلارغىمۇ كۆۋرۈك ياسىدى. زامانىۋى شەھەر قاتنىشىنىڭ ئېھتىياجى ۋە كۆۋرۈك ياساش تېخنىكىسىنىڭ ئۈزلۈكسىز ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ،شەھەرنىڭ يولى، دەريا ئېقىنى، تۆمۈر يوللارنىڭ ئۈستىگە سېلىنغان ئۆتۈشمە كۆۋرۈكلەر كەينى - كەينىدىن بارلىققا كەلدى. ئەمما مەيلى سۇ ئۈستىدىكى كۆۋرۈك بولسۇن، ياكى قۇرۇقلۇقتىكى كۆۋرۈك بولسۇن ئۇلارنىڭ ھەممىسىدە ناھايىتى ئۇزۇن كۆۋرۈك باشلىمى بولۇشتەك ئورتاقلىق بار.
سۇ ئۈستىگە كۆۋرۈك ياسىغاندا، كۆۋرۈك ئاستىدىن چوڭ تىپتىكى كېمىلەرنىڭ بىمالال ئۆتۈشى ئۈچۈن، چوقۇم يېتەرلىك بوشلۇق قالدۇرۇلۇشى كېرەك. بۇنداق بولغاندا كۆۋرۈك ئېگىز ياسىلىدۇ. كۆۋرۈك ئېگىز ياسالغاندا، كۆۋرۈك بىلەن ئىككى قىرغان ئوتتۇرىسىدىكى يانتولۇق چوڭىيىپ، قاتناشقا ئېغىر دەرىجىدە تەسىر يەتكۈزىدۇ. كۆۋرۈك باشلىمى كۆۋرۈك بىلەن يول ئارىلىقىدىكى <ئۆتكۈچى> بولۇپ، يول يۈزىنى تەدرىجىي ئېگىزلەتكەندە ياكى تەدرىجىي پەسلەتكەندە، ئاپتوموبىللار كۆۋرۈككە سىلى مېڭىپ چىقىپ چۈشەلەيدۇ. شەھەر يوللىرى، تۆمۈر يوللار ئۈستىگە ياسالغان ئۆتۈشمە كۆۋرۈكلەر يەر يۈزىدىن قوپۇرۇلۇپ چىقىرىلغان بولۇپ، كۆۋرۈك ئاستىدىن يەنە ئاپتوموبىل، پويىزلار ئۆتۈشكە توغر كېلىدۇ، كۆۋرۈك يۈزى بىلەن تەكشىلىكتىكى ئارىلىق ناھايىتى ئېگىز بولۇپ، ھەمىشە ناھايىتى ئۇزۇن كۆۋرۈك باشلىمى ياسىلىدۇ. چوڭ تىپتىكى كۆۋرۈكلەردىكى كۆۋرۈك باشلىمىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ھەمىشە ئاساسىي كۆۋرۈكتىن ئېشىپ كېتىدۇ. كۆۋرۈك باشلىمى يەر يۈزىگە بىۋاستە ياسالماستىن، ھەمىشە كۆۋرۈك گۇندىسى ئۈستىگە ياسىلىدۇ. بۇنداق بولغاندا ھەم كۆۋرۈك ئاستىدىكى قاتناشقا قۇلايلىق بولىدۇ، ھەم قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرىنى تېجەپ قالغىلى بولىدۇ. يەر ئىشلىتىش كۆلىمىنى تېجەش ئۈچۈن كىشىلەر بىۋاستە كۆۋرۈك شەكىللىك قىلىپ ياسىماقتا. ئايلانما شەكىللىك كۆۋرۈك باشلىمى ھەشەمەتلىك، كۆركەم بولۇپ، ھازىرقى شەھەرلەردىكى بىر مەنزىرە لىنىيىسى بولۇپ قالدى.