UyghurWiki
UyghurWikiنەمەنېمە ئۈچۈن <سۈيدۈك سۈمۈرىدىغان زاكا> ھۆل بولمايدۇ؟

نېمە ئۈچۈن <سۈيدۈك سۈمۈرىدىغان زاكا> ھۆل بولمايدۇ؟

نېمە ئۈچۈن ئۇن بىلەن سۇنى ئارىلاشتۇرۇپ خېمىر يۇغۇرساق، گەرچە خېمىرنىڭ تەركىبىدە نۇرغۇن سۇ بولسىمۇ، لېكىن ئۇنى مىجىساقمۇ، باسساقمۇ سۇ چىقمايدۇ. گۈرۈچكە سۇ قۇيۇپ پىشۇرساق گۈرۈچ تامىقى بولىدۇ، گۈرۈچ تامىقىدىكى سۇمۇ ھەرگىز ئېقىپ چىقمايدۇ. چۈنكى، ئۇن بىلەن گۈرۈچ تامىقىنىڭ ئاساسلىق تەركىبى كراخمال بولۇپ، ئۇ بىر خىل ئۇزۇن زەنجىرسىمان يۇقىرى مولېكۇلىلىق بىرىكمە، مولېكۇلا ئۇزۇن دەرىجىدە سۇغا يېقىن نۇرغۇن ئاتوم گۇرۇپپىسى با. سۇ مولېكۇلىسى مۇشۇ سۇغا يېقىن ئاتوم گۇرۇپپىسىغا سۈمۈرۈلۈپ، ئاتوم ئۇزۇن زەنجىرىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلىنىدۇ. سۈيدۈك سۈمۈرىدىغان زاكىنىڭ سۈيدۈكتە ھۆل بولماي، بوۋاقنىڭ تېرىسىنىڭ قۇرۇق تۇرۇشى مۇشۇ سەۋەبتىن. نۇرغۇنلىغان سۈنئىي بىرىكمىلىك يۇقىرى مولېكۇلىلىق ماتېرىياللارنىڭ مولېكۇلا ئۇزۇن زەنجىرىدە سۇ سۈمۈرىدىغان ئاتوم گۇرۇپپىسى بار. مەسىلەن، پولىۋىنىل ئالكوگول، پۇلىئوكسمېتىلېن قاتارلىقلار، شۇڭا مۇشۇ خىلدىكى ماتېرىياللار سۇ ساقلاش ماتېرىيالى دەپ ئاتىلىدۇ. ئەگەر توقۇلمىنىڭ سىرتىغا بىر قەۋەت سۇ ساقلاش ماتېرىيالى سۇۋالسا <سۈيدۈك سۈمۈرىدىغان زاكا> بولىدۇ. بەزىلەت تەجرىبە قىلىپ كۆرگەن، كراخمال پۇلىئوكسىمېتىلېن (كراخمال مولېكۇلىسى بىلەن پۇلىئوكسىمېتىلېن مولېكۇلىسىنىڭ ئۇلىنىشىدىن ھاسىل بولغان يۇقىرى مولېكۇلىلىق ماددا) دەپ ئاتىلىدىغان سۇ ساقلاش ماتېرىيالىنى رەختنىڭ ئۈستىگە سۈرتكەن، ئۇ ئۆزىدىن 400 ھەسسە ئېغىر سۇنى سۈمۈرۈۋالغان، نۇرغۇن بېسىمغا ئۇچراپمۇ سۈمۈرۈلگەن سۇ ئېقىپ چىقمىغان. سۇ ساقلاش ماتېرىيالى <سۈيدۈك سۈمۈرىدىغان زاكا> غا ئىشلىتىلگەندىن باشقا، يەنە تېببىي دورا، سەھىيە بۇيۇملىرى ۋە ئاشخانا بۇيۇملىرى قاتارلىق مەھسۇلاتلارغا ئىشلىتىلىپ، كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا كۆپ قۇلايلىق ئەكەلدى.
← بارلىق تېمىلار نەمە