UyghurWiki
UyghurWikiنەمەنېمە ئۈچۈن ماشىنا ئادەملەرنىڭ بارمىقى ھەر خىل بولىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن ماشىنا ئادەملەرنىڭ بارمىقى ھەر خىل بولىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن ماشىنا ئادەملەرنىڭ بارمىقى، <ئاخىرقى ئۇچتىكى مەشغۇلات قىلغۇچ> دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئۇ ماشىنا ئادەمنىڭ مۇھىم ئەزالىرىنىڭ بىرى. ئۇنىڭ شەكلى ئىشلىتىلىش ئورنىغا قاراپ پەرقلىنىدۇ، نېمىگە ئىشلىتىلىدىغان ماشىنا ئادەم بولسا، شۇنىڭغا ماس بارماق بولىدۇ. مەسىلەن، سۇۋاركا قىلىدىغان ماشىنا ئادەملەرنىڭ ئامبۇرغا ئوخشاش ئىككىلا بارمىقى بولۇپ، ئادەتتە مېتالدىن ياسىلىدۇ؛ ئەينەك يۆتكەيدىغان ماشىنا ئادەملەرنىڭ بارمىقى تەخسىسىمان شورىغۇچ بولۇپ، كاۋچوكتىن ياسىلىدۇ، ئۇ سۈمۈرۈش كۈچىگە تايىنىپ ئەينەكلەرنى يۆتكەيدۇ؛ پولات تاختايلارنى يۆتكەيدىغان ماشىنا ئادەملەرنىڭ بارمىقى ئېلېكتروماگنىتلىق بولۇپ، توك ئۇلانغاندا ماگنىتلىنىپ پولات تاختىنى كۆتۈرىدۇ، توك ئۈزۈلگەندە ماگنىتلىقى يوقىلىپ، پولات تاختاينى يەردە قويىدۇ؛ رويال چالىدىغان ماشىنا ئادەملەرنىڭ بارمىقى ئادەمنىڭ بارمىقىغا ئوخشاش بولۇپ، بىر نەچچە بارمىقى، نەچچە ئون ھەرىكەتچان بوغۇمى بولىدۇ، ھەر بىر بوغۇمنىڭ ھەرىكىتىنى مۇستەقىل كىچىك ماتور ھەرىكەتلەندۈرىدۇ ۋە كونترول قىلىدۇ؛ بەزى ماشىنا ئادەم ۋەزىپە ئورۇندىغاندا، ئوخشاش بولمىغان بارماقلىرى بىلەن ھەر خىل دېتالنى ئالالايدۇ، ئىنژېنېرلار بۇنداق ماشىنا ئادەملەر ئۈچۈن <بارماقنى ئاپتوماتىك ئالماشتۇرۇش قۇرۇلمىسى> لايىھىلەپ بەرگەن، ماشىنا ئادەم بىر دېتالنى ئېلىپ بولغاندىن كېيىن، ئاپتوماتىك ھالدا <بارماق ئامبىرى> دىن يېڭى بارماق ئالماشتۇرالايدۇ. ماشىنا ئادەمنىڭ قولى گەرچە ئادەم قولىدەك ئەپچىل بولمىسىمۇ، بىراق، شۇ بارماقلار بولغاچقىلا ماشىنا ئادەملەر ئۆز خىزمىتىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە
نېمە ئۈچۈن ماشىنا ئادەملەرنىڭ بارمىقى ھەر خىل بولىدۇ؟ | UyghurWiki | UyghurWiki