<يېڭىچە قوراللار> دېگەن نېمە؟
نېمە ئۈچۈن
<يېڭىچە قوراللار> دەپ ئاڭلاپ باققانمىدىڭىز؟ بۇ يۇقىرى پەن - تېخنىكا، يېڭى تېخنىكىدىن پايدىلىنىپ تەتقىق قىلىپ ياسالغان قوراللاردۇر. ئەنئەنىۋى ئايروپىلان، تانكا، ھەربىي پاراخوت، زەمبىرەكلەرگە سېلىشتۇرغاندا، <يېڭىچە قوراللار> نىڭ لايىھىلىنىش ئىدىيىسى، رولى، ئىش پرىنسىپى، ئۆلتۈرۈش - يارىلاندۇرۇش كۈچى، ھۇجۇم قىلىش دائىرىسى قاتارلىقلاردا تۈپ ئۆزگىرىشلەر بولغان، شۇڭا جەڭگاھ ۋە جەڭ ئۇسۇللىرىدىمۇ يېڭى <ئۇقۇم> شەكىللەنگەن.
<يېڭىچە قوراللار> ئاساسلىقى مۇقىم يۆنىلىشلىك ئېنېرگىيىلىك قوراللار، ھەرىكەت ئېنېرگىيىلىك قوراللار، جاننى ئالمايدىغان قوراللار، ئاۋازدىن تېز ئۇچىدىغان قوراللار، كومپيۇتېر تورى قوراللىرى، كىچىك تىپتىكى جەڭچىسىز ئۇرۇش قوراللىرى، ھاۋا رايى قوراللىرى، دېڭىز ئاستى ئىستراتېگىيىلىك قوراللىرى قاتارلىقلارنى ئۆزئىچىگە ئالىدۇ. مۇشۇ ئىسىملارمۇ قۇلاققا يېڭىچە ئاڭلىنىدۇ. مەسىلەن، مۇقىم يۆنىلىشلىك ئېنېرگىيىلىك قوراللار ئاساسلىقى لازېر نۇرى، يۇقىرى قۇۋۋەتلىك مىكرو دولقۇن ۋە زەررە دەستىسى قاتارلىق ئېنېرگىيە دەستىلىرىدىن پايدىلىنىپ ھۇجۇم قىلىدۇ؛ ھەرىكەت ئېنېرگىيىلىك قوراللار، ئېلېكتر ماگىنىتلىق قوراللار، ھەرىكەت ئېنېرگىيىلىك توسقۇچى ئوق قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇلار كۈچلۈك ھەرىكەت ئېنېرگىيىسىدىن پايدىلىنىپ نىشاننى ۋەيران قىلىۋېتەلەيدۇ؛ ئاۋازدىن تېز ئۇچىدىغان قوراللار دېگەنلىك، يېڭى ماتورلارنى تەتقىق قىلىپ، باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد، ئايروپىلانلارنىڭ سۈرئىتىنى بىر يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈپ، ھۇجۇمنىڭ تۇيۇقسىزلىقى ۋە ئۈنۈملۈكلۈكىنى زور دەرىجىدە كۈچەيتىشىنى كۆرسىتىدۇ؛ كومپيۇتېر تورى قوراللىرى كومپيۇتېر ۋىرۇسى، يۇقىرى ئېنېرگىيىلىك ئىمپۇلس ۋە كومپيۇتېر ئۇچۇرىغا بۇزغۇنچىلىق سېلىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بۇلارنىڭ دۈشمەننىڭ ئۇچۇر قوماندانلىق سىستېمىسىنى كەڭ كۆلەمدە بۇزۇپ تاشلىيالايدۇ؛ كىچىك تىپتىكى جەڭچىسىز ئۇرۇش قوراللىرى كىچىك تىپتىكى ئۇچقۇ ۋە كىچىك تىپتىكى ماشىنا ئادەملەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
نۆۋەتتە، كۆپ ساندىكى <يېڭىچە قوراللار> يەنىلا سىناق ۋە ئىزدىنىش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىدۇ، بۇلار ⅡⅩⅩئەسىردە ھەقىقىي جەڭ قورالىغا ئايلىنىشى مۇمكىن.