UyghurWiki
UyghurWikiنەمەسۈت كەلمىسە قانداق قىلىش كېرەك؟

سۈت كەلمىسە قانداق قىلىش كېرەك؟

نېمە ئۈچۈن توغرا ئېمىتىش قىياپىتىنى ئىگىلىگەندىن كېيىن بالىغىمۇ توغرا ئېمىش شەكلىنى ئۆگەتكەندە، ئانا ئانا سۈتى بىلەن بالا باققاندا ئېلىپ كەلگەن خۇشاللىق ۋە بەختتىن بەھىر ئالالايدۇ. ئەگەر مەلۇم بىرخىل كېسەللىك سەۋەبىدىن بۇ خىل خۇشاللىقتىن بەھىر ئالالمىغاندا، مەسىلەن: سۈت نەيچىسى توسۇلۇپ قېلىپ، سۈتنىڭ كەلمەسلىكى سەۋەبلىك بالىنىڭ ئەمگەن ۋاقىتتا بەك كۈچ سەرپ قىلىشى تۈپەيلىدىن، بالا ئەمچەك توپچىسىنى بەك شوراپ، ئەمچەك توپچىسىنىڭ ئاغرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ خىل ئەھۋال داۋاملىشىۋەرسە، سۈتنىڭ تىنىپ قېلىشىنى پەيدا قىلىپ، سۈت نورمال چىقمايدۇ. قۇرۇق ئەمچەك بىلەن ئەمچەكنىڭ ئاساسىي قىسمى تولۇق بېسىمغا ئۇچرىمايدۇ، بۇ خىل مەسىلىنى ھەل قىلىشتا ئالدى بىلەن ئېمىتىشتىن ئىلگىرىكى ھۆل لۆڭگە بىلەن ئەمچەكنى ئىككى مىنۇتتىن ئۈچ مىنۇتقىچە ئۇۋۇلاپ، شاپىلاقلاپ ياكى تەۋرىتىپ، ئەمچەكنى بوشىتىش كېرەك. ئەگەر بالا ئېمىشنى خالىمىغاندا، سۈت سۈمۈرۈش ئەسۋابى بىلەن سۈتنى سېغىپ، سۈتنىڭ تىنىپ قېلىشىنى ئازايتىپ، سۈت بەزلىرىنىڭ توسۇلۇپ قېلىشىدىن ساقلىنىش كېرەك
← بارلىق تېمىلار نەمە