UyghurWiki
UyghurWikiنەمەيىرىڭلىق مېڭە، يۇلۇن پەردە ياللۇغى دېگەن نېمە؟

يىرىڭلىق مېڭە، يۇلۇن پەردە ياللۇغى دېگەن نېمە؟

نېمە ئۈچۈن بۇ بالىلىق مەزگىلىدە دائىم كۆرۈلىدىغان كېسەللىك، بۇ كېسەللىك خىلمۇخىل يىرىڭلىق باكتېرىيىلەرنىڭ مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسىنى غىدىقلاپ، جىددىي خاراكتېرلىك يۇقۇملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى تۈپەيلىدىن پەيدا بولىدۇ. بوۋاق ۋە بالىلاردا كۆپ كۆرۈلىدۇ، ئادەتتە يىرىڭلىق مېڭە ياللۇغى بىلەن مېڭە يىرىڭلىق ئىششىقى بىرلا ۋاقىتتا مەۋجۇت بولۇپ، بىمارنىڭ ئۆلۈش نىسبىتىمۇ يۇقىرى بولىدۇ شۇنداقلا نېرۋا سىستېمىسىدا كېسەل ئاسارىتىنى قالدۇرۇپ قويىدۇ. يىرىڭلىق مېڭە يۇلۇن پەردە ياللۇغى كۆپ كۆرۈلىدىغان كېسەللىك ۋىرۇسى بولۇپ، بۇلار مېڭە يۇلۇن پەردىسى ياللۇغىدىكى شارسىمان باكتېرىيە، ئۆپكە ياللۇغىدىكى شارسىمان باكتېرىيە ۋە قان خۇمار B تىپلىق تاياقچە باكتېرىيە، ئۇنىڭدىن باشقا ئالتۇن رەڭلىك ئۈزۈمسىمان شارچە باكتېرىيە، زەنجىرسىمان باكتېرىيە، چوڭ ئۈچەي تاياقچە باكتېرىيىسى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. باكتېرىيىلەر ئاساسلىقى نەپەس يولى ئارقىلىق ئاجرىتىلغان ماددىلار ياكى ئۇچۇپ يۈرگەن چاڭ - توزانلار تېرە ياكى يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ كىندىكى ئارقىلىق كىرىپ، قانغا ئۆتۈپ، ئاندىن مېڭە يۇلۇن پەردە ياللۇغىغا تەرەققىي قىلىدۇ، ئاز ساندىكىلىرى يېقىن ئەتراپتىكى بۇرۇن، قۇلاق قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ يۇقۇملىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ شۇنداقلا مېڭە يۇلۇن پەردىسى ۋە باش سۆڭىكىگە يۇلۇن سۇيۇقلۇقى پەيدا بولۇپ قالغاندا، باكتېرىيىلەر بىۋاسىتە مېڭە پەردىسى ئارقىلىق قوزغىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە
يىرىڭلىق مېڭە، يۇلۇن پەردە ياللۇغى دېگەن نېمە؟ | UyghurWiki | UyghurWiki