ھامىلىدار بولۇپ قانچە ئاي بولغاندا، ھامىلىنىڭ تەۋرىگەنلىكىنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
ھامىلىنىڭ تەۋرىنىشى بولسا ھامىلىنىڭ بالىياتقۇ ئىچىدىكى ھەرىكىتىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ھامىلىنىڭ ئۆسۈپ - يېتىلىش ئەھۋالىنىڭ ناھايىتى ياخشىلىقىنىڭ ئالامىتى، ھامىلىدار بولۇپ توققۇز ھەپتىدىن 10 ھەپتىگىچە بولغان جەرياندا، B تىپلىق ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنى ئارقىلىق ھامىلىنىڭ پۇت - قوللىرىنىڭ ھەرىكىتىنى بىلگىلى بولىدۇ. بىراق، ھەرىكەتنىڭ كۈچ دەرىجىسى ۋە كۆلەم دائىرىسى ئىنتايىن ئاجىز ۋە كىچىك. ھامىلىدارلار تەۋرىگەننى ھېس قىلالمايدۇ، ھامىلىنىڭ ئۆسۈپ - يېتىلىشىگە ئەگىشىپ، ھەرىكەت سۈرئىتى ۋە كۆلىمىمۇ بارغانسېرى چوڭىيىپ، بەلگىلىك باسقۇچقا يەتكەندە، ھامىلىدارلار ھامىلىنىڭ تەۋرىگەنلىكىنى ھېس قىلىدۇ. ئادەتتىكى ئەھۋالدا تۇنجى قېتىم ھامىلىدار بولغان ئاياللار ھامىلىدار بولۇپ 18 ھەپتىدىن 20 ھەپتىگىچە بولغاندا، ھامىلىنىڭ تەۋرىگەنلىكىنى ھېس قىلىدۇ. ئايرىم ھامىلىدارلارنىڭ كېيىنرەك بولىدۇ، 22 ھەپتە بولغاندىمۇ ھامىلىنىڭ تەۋرىگەنلىكىگە ئائىت سېزىم بولمىسا، دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈش كېرەك.